خېرىدارلار ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتس مال سېتىۋېلىش مەيدانىدا مامۇق چاپان تاللىماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى لېي فوتوسى)
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «قوش 11»دا ئۈرۈمچىنىڭ تور ۋە تور سىرتى سودىسى جانلاندى. يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان «قوش 12»گە قارىتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى، سودا كارخانىلىرى ھەمدە سودا سارايلار، تاللا بازارلار «قوش 12»لىق توردا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ، سېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تور ۋە تور سىرتىدا ھەر خىل شەكىلدە كۈچەپ، تۈرلۈك ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.
شىنجاڭ جۇڭچۇاڭ تەمىنلەش زەنجىرى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش باش دىرېكتورى راۋ ياڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان ئەنئەنىۋى قۇرۇق مېۋىلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچىملىك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن: سۈت، كاۋاس قاتارلىقلارنى ساتىدۇ. «قوش 12» يېتىپ كېلىش ئالدىدا شىركىتىمىز مەلۇم سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش، باھانى بىۋاسىتە تۆۋەنلىتىش پائالىيىتى ھەمدە باش رىياسەتچى بىلەن مەخسۇس مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق سېتىش نەتىجىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردى.
شىنجاڭ جۇڭچۇاڭ شىركىتى تاۋباۋ، تيەنماۋ سۇپىسىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى بىردىنبىر كەسىپ بەلبېغى مۇلازىمەت سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 13 يىللىق ئېلېكتىرونلۇق سودا تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭدىكى 32 يېزا ئىگىلىك كارخانىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا يولىغا مېڭىشىغا كۈچ قوشقان، جىڭدۇڭ، تيەنماۋ، دوۋيىن قاتارلىق سۇپىلاردا 42 دۇكاننى يۈرۈشتۈرۈپ، 121 تەمىنلەش سودىگىرى بىلەن مۇقىم ھەمكارلاشقان، يىللىق پارچە سېتىش سوممىسى 50 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. «قوش 11» پائالىيىتى مەزگىلىدە شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38 ئاشقان، «قوش 12»دە يەنە بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىد بار.
ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ جى مۇنداق دېدى: «قوش 12»نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئىدارىمىز خې جياۋلۇڭ كوللېكتىپى بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئوندىن ئارتۇق يەرلىك كارخانىنى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشقا جەلپ قىلدى، تۇنجى مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە سېتىش سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى ۋە ئوبوروت كارخانىلىرىنى ئەشيا ئوبوروتى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى توردا كۈچ چىقاردى، ئەمەلىي سودا ساراي، تاللا بازارلارمۇ كۆپ خىل سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىدى، قىسمەن دۇكانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا كۆپ خىل تەكرار ياردەم پۇلى بېرىلىپ، «تور سىرتىدا ئەمەلىي ھېس قىلىش، توردا ئوخشاش ئېتىبار باھادا سېتىۋېلىش» نۇرغۇن سودىگەرنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى «ئەڭگۈشتەرى»گە ئايلاندى. «قوش 12» پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتس مال سېتىۋېلىش مەيدانىدا خېرىدارلار ئېقىمى ۋە سېتىش مىقدارى %10تىن كۆپرەك ئاشتى.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى چېن جيې ئۈرۈمچى شەنشەن ئوتلېتس مال سېتىۋېلىش مەيدانىدىن بىر مامۇق چاپان سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر دۇكاندا ئېتىبار باھادا سېتىش ئاساسىدا يەنە مەلۇم سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش پائالىيىتى بولۇۋېتىپتۇ، باھا ناھايىتى مۇۋاپىق ئىكەن، 2000 يۈەنلىك مامۇق چاپاننى 1000 يۈەن ئەتراپىدا سېتىۋالدىم». (مۇخبىر مۇ مىن)