نۇرغۇن ئەپسۇسلۇق ئويلىنىشنىڭ بەكلا كۆپ، ئەمەلىي ھەرىكەتنىڭ بەكلا ئاز بولغانلىقىدىن بولىدۇ
تۇرمۇشتا مۇنداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈشىمىز مۇمكىن: بىرەر ئىشنى قىلىشنى ئويلايمىزيۇ، ئەمما دائىم يەنە ۋاقىت باردەك، كېيىن قىلساقمۇ ئۈلگۈرىدىغاندەك ھېس قىلىمىز؛ ياكى ئالدى- كەينىنى ئويلاپ، ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، ئۇزاققىچە ئىش باشلىيالمايمىز. ئىككىلىنىش ئىچىدە، ۋاقىت ئاستا- ئاستا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەھۋالدىمۇ تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ يولغا چىقماقچى بولغىنىمىزدا، ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىمىزنى ھېس قىلمىز. شۇ ئويلىنىشقا ۋە تەييارلىققا كەتكەن ۋاقىتنى ھەرىكەتكە سەرپ قىلىپ، قىلىشنى بېكىتكەن ھامان ئەستايىدىل تەييارلىنىپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كەلگىنىمىزدىلا، تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ئەپسۇسلىنىشتىن ساقلىنالايمىز.
ئويلىغان ھامان ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش كۇنۇپكىسىنى بېسىش كېرەك
كۆپ ھاللاردا، بىر ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش- چىقماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئىقتىدارىمىزنىڭ يېتەرلىك- يېتەرلىك ئەمەسلىكىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئوي- خىياللىرىمىزنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىجرا قىلىش كۈچىمىزنىڭ بار- يوقلىقىدۇر. بىرەر ئىشقا يولۇققاندا «ساقلاپ باقايچۇ» دېسەك، ئەڭ ياخشى پۇرسەت قولدىن كېتىپلا قالماي، ئەڭ دەسلەپكى قىزغىنلىقىمىزمۇ خوراپ تۈگەيدۇ، ئوي- خىياللىرى كۆپلەر نۇرغۇن، لېكىن كۆڭۈل قويۇپ قىلغانلارلا بەلگىلىك ھاسىلاتقا ئېرىشەلەيدۇ. بۈگۈن بۈگۈننىڭ ئىشىنى قىلىشىمىز كېرەك، ئەتە يەنە ئەتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولىدۇ. «كېيىن بىر گەپ بولار» دېيىشنى «ھازىرلا قىلاي»غا ئۆزگەرتسەك، ئاندىن نىشانغا تەدرىجىي يېقىنلىشىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلەيمىز.
ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا كۈتكەن جاۋاپ ئاستا- ئاستا نامايان بولىدۇ
بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى قورقۇش پىسخىكىسىنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال. ئۆزىمىزگە ئاۋۋال قىلىپ سىناپ باقاي دەيلى. ھەقىقىي قول سېلىپ قىلغان پەيتتە، ئىشلارنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئۇنچىلىك قىيىن ئەمەسلىكىنى، ئىقتىدارىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغان ئوي- خىيال خام خىيال ھېسابلىنىدۇ؛ ھەرىكەت قىلىنمىغان ئارزۇ مەڭگۈ ئىشقا ئاشمايدۇ. كۈتۈش ئىچىدە ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغاندىن كۆرە، ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى. يولغا چىقىشنى قارار قىلغان ئاشۇ پەيتتە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېرىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان بولىمىز.مەيلى قانداق ئىش بولسۇن، دادىللىق بىلەن باشلىساقلا، ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز؛ قەدىمىمىزنى توختاتمىساقلا، كۈتكەن جاۋابىمىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا نامايان بولىدۇ.