− ئۈرۈمچى دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 11- قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى
پېنسىيەگە چىققان ئاھالە لۇ گۇاڭمىن ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىغا دائىر ھۆسنخەت يازماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى راۋ جۈنخۇا فوتوسى)
«قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە بارلىق جەمئىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئۆلچىمى، قائىدىسى، بارلىق كىشىلەر جەزمەن رىئايە قىلىشى كېرەك». ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ باش نىزامنامىسى.
بۇ يىل 12- ئاينىڭ 4- كۈنى 11- قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى، 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە 7- قېتىملىق «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى». يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە كۆپ خىل شەكىلدىكى باش تېما تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىدىغان، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇننى قوغدايدىغان، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەندى.
ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولدى
12- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسى يىنخې مەھەللىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتى مەھەللىنىڭ قانۇن ياردىمى بەرگۈچى ئادۋوكاتى يىن شۈدۇڭنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.
يىن شۈدۇڭ ئۆيلەردىن سۇ چىقىپ كېتىش، قىشتىكى پار بىلەن تەمىنلەش، كارىدورلارغا نەرسە- كېرەك دۆۋىلەپ قويۇش، شاۋقۇن قاتارلىق كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى تىپىك مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە ئاساسىي قانۇننىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈردى.
ئاھالە ماھىرە سەمەت مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇن بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ قېرىغىچە، مەكتەپكە كىرىش، خىزمەت قىلىش، ئۆيلىنىشتىن تارتىپ پېنسىيەگە چىققۇچە بولغان كىشىلىك ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر مۇھىم پەيتلىرىدە ئۈن- تىنسىز بىزنى قوغدايدۇ ۋە بىزگە ھەمراھ بولىدۇ».
يىنخې مەھەللىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ مياۋ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئوخشىمىغان توپقا يۈزلەنگەن، شەكلى كۆپ خىل ئاساسىي قانۇن تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئاھالىلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانۇن مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) قەشقەر شەرقىي يولى كوچا باشقارمىسى خۇييۈەن مەھەللىسىدە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى ئولتۇراق رايونلارغا، دۇكانلارغا كىرىپ، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، قانۇنىي ئورنى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ قانۇننى ئومۇملاشتۇردى ۋە تەشۋىق قىلدى.
تىجارەتچى ۋۇ يۇڭخۇي مۇنداق دېدى: قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خادىملىرى تىجارەتچىلەرگە سودا تىجارىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، جانلىق مىساللار ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، قانۇن ماددىلىرى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بىلىملىرىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك چۈشەندۈردى.
ھازىر قار- مۇز ساياھەت پەسلى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس- بەستە ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا كېلىپ چاڭغا تېيىلىشقا، قار ئويۇنى ئويناشقا، قار تاماشاسى قىلىشقا باشلىدى.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىغا جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىدا، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىدىكى پىدائىيلار ۋە شىنجاڭ شىڭخې ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتلار ئۆمىكى قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش، نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى نۆل ئارىلىقتا ئومۇملاشتۇردى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇردى.
ساياھەتچى جاڭ شىنخۇەي مۇنداق دېدى: تەشۋىقات ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن بالىلارنىڭ مائارىپ تەربىيەسى قوبۇل قىلىش ھوقۇق- مەنپەئىتى، پۇقرالارنىڭ مال- مۈلكىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى، ياشانغانلارنىڭ ئاساسىي كاپالەت ھوقۇق- مەنپەئىتى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇق.
شەكلى كۆپ خىل بولدى، ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇلدى، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈلدى
12- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 16:00دە سايباغ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسى شىسەن ئەدلىيە پونكىتى شىنجاڭ رۇيمېڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ۋاڭ خۇڭلىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 52- باشلانغۇچ مەكتەپكە تەكلىپ قىلدى، ۋاڭ خۇڭلى «مەكتەپ بىخەتەرلىكى»، «بايراملىق پۇل زادى كىمنىڭ؟» قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار قىزىقىدىغان قىزىق نۇقتا تېمىلىرىنى چۆرىدەپ قانۇن ماددىلىرىنى قىزىقارلىق ھېكايىلەرگە ئايلاندۇرۇپ سۆزلىدى.
6- يىللىق 3- سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۇڭ زىلۇڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى ئۆگىنىش ئارقىلىق مەن ئاساسىي قانۇنغا ئالاقىدار بىلىملەرنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلىۋالدىم، شۇنداقلا قانۇن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋالدىم، بۇنىڭدىن كېيىن قانۇندىن ئىبارەت بۇ قورال ئارقىلىق قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىمنى قوغدايمەن».
ۋاڭ خۇڭلى مۇنداق دېدى: «دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق دېلونى ئانالىز قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قانۇننىڭ مۇھىملىقى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشەندۈرۈپ ھەمدە ئەمەلىي دېلو مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قانۇننى كۈندىلىك تۇرمۇشتا تەتبىقلىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق».
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قانۇننى ئەتىگەنلىك ئوقۇش، ئاساسىي قانۇن قولدا كۆچۈرۈلگەن گېزىتى ئىشلەش مۇسابىقىسى، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرى لېكسىيەسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇننى بىلىش، قانۇننى چۈشىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇرۇقىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.
ئاساسىي قانۇن جەمئىي قانچە ماددا؟ ئاساسىي قانۇننىڭ رولى نېمە؟ ئوقۇغۇچىلار قولدا كۆچۈرۈلگەن گېزىت شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە نامايان قىلىپ، سىنىپنىڭ مەدەنىيەت تېمىغا چاپلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپ 5- يىللىق 3- سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بەي زىچېن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇندىن لېكسىيە سۆزلەش قانۇننى بىلىشىمىز، قانۇننى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈندۇر. قولدا كۆچۈرۈلگەن گېزىت ئىشلەش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە ئاساسىي قانۇننىڭ تۇرمۇشىمىزغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ۋە ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لۇق ئەدلىيە ئىدارىلىرى ئاساسىي قانۇن بىلىملىرى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ۋە ئاساسىي قانۇننى سودا چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
12- ئاينىڭ 3- كۈنى، دۇڭسەنپو مەھەللىسىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئاھالە لۇ گۇاڭمىن قەلەم تەۋرىتىپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خەتتاتلىق ئەسەرلىرىنى يېزىپ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئەدلىيە ئىدارىسى شىخۇ ئەدلىيە پونكىتى دۇڭسەنپو مەھەللىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئاھالىلەرگە ئاساسىي قانۇن روھىنى بايان قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ مەنىسى، قۇرۇلمىسى، ئاساسلىق مەزمۇنى، رولى، نازارەت قىلىش ۋە يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ھەمدە لۇ گۇاڭمىننى خەتتاتلىققا ماھىر بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى قولىغا قەلەم ئېلىپ قانۇننى ئۆگىنىش، ئۆگەنگەنلىرىنى يېزىشقا يېتەكلەشكە تەكلىپ قىلدى، بۇ ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
شىخۇ ئەدلىيە پونكىتىنىڭ مەسئۇلى يۈەن شەنشەن مۇنداق دېدى: بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئىگىلەش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، ئاساسىي قانۇننى قوغدايدىغان، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلايدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. (مۇخبىرلار گو جۈنگې، راۋ جۈنخۇا، مۇ مىن، جاڭ مېڭتىڭ، گەي يۈ، ۋاڭ لېي)