12- ئاينىڭ 3- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئىشچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇلۇش قىلماقتا، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لېي تىڭ فوتوسى)
12- ئاينىڭ 3- كۈنى كەچتە، بىر قانچە قار ھاسىل قىلىش ماشىنىسىنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى قار ھاسىل قىلىش باسقۇچىغا كىردى.
ئۈرۈمچىنىڭ 2024 − 2025- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1191 مو كېلىدۇ، ساياھەتچىلەرگە ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال قار- مۇز ساياھەت مەنزىلگاھى نامايان قىلىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى تۈرى تەشكىلىي كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسىدە مەيداننى تۈزلەش، سۇ، توك تۇرۇبا يولى ياتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەر تاماملانغان، چاڭغا تېيىلىش يولى ۋە ئاشخانا قۇرۇلۇشىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان. ھازىر قار ھاسىل قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن.
نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش خادىمى جۇاڭ ۋېنيۈ مۇنداق دېدى: ئالدى بىلەن ئۇزۇنلۇقى 28 مېتىر، كەڭلىكى بىر مېتىر، ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن ئاشىدىغان قار- مۇز ئويمىسى ئارقىلىق يىپەك يولى ئۇسلۇبىدىكى دەرۋازا ياسايمىز؛ بۇنىڭدىن باشقا، مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مۇز تۈۋرۈك ياساش خىزمىتىمۇ تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، مۇز تۈۋرۈكنىڭ كەڭلىكى ئۈچ مېتىر، ئېگىزلىكى تۆت مېتىر كېلىدۇ. بىر ھەپتىدىن كېيىن مۇز ئويما مەنزىرىسى ياساش مۆلچەرلەندى.
ئىگىلىنىشىچە، قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسىدە 170 گۇرۇپپا قار- مۇز ئويمىسى، 33 جايغا مەنزىرە ياساش لايىھەلەنگەن بولۇپ، چاڭغا تېيىلىش، مۇز تېيىلىش، قارلىق موتوسىكلىتى، ئات سۆرەيدىغان چانا، ئەپەندى قار شەھىرى شادلىق باغچىسى ۋە ئاشخانا قاتارلىق كۆپ خىل قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ۋە يۈرۈشلۈك تۈرلەر بار ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل شىمىگۇ رايونى تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى تۈرىنى پۇرسەت بىلىپ، خۇڭشۇلىن چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانى قار- مۇز سەنئەت بايرىمى، يەرشارى خىيالىي قار- مۇز شەھەرچىسى، شىرېن دېھقانچىلىق مەيدانى مۇز مەيدانى، گېجياگوۋ قار كەنتى قاتارلىق 14 قار- مۇز ساياھەت تۈرىنى بەرپا قىلىدىكەن، نۆۋەتتە ھەرقايسى تۈرلەر جىددىي ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بولۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن پۈتۈپ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىكەن. (مۇخبىر ۋاڭ لېي)