غۇلجا ناھىيەسى ئاق قۇ كۆلى مەنزىرە رايونى 600گە يېقىن قىشلايدىغان ئاق قۇنى كۈتۈۋالدى
16:04:44 2024-12-05 تىيانشان تورى

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاق قۇلار غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخىلىقتام كەنتىگە جايلاشقان ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىدا ماكانلاشتى.

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «ھەر يىلى نۇرغۇن ئاق قۇ بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدۇ، بۇ يىل 600گە يېقىن ئاق قۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇپ كەلدى»، دېدى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى غۇلجا ناھىيەسى ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى گاۋ بو.

 ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخىلىقتام كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، يەر ئاستىدىكى ئارشاڭ سۈيىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىپ چىقىشى بىلەن، قىشتا مۇز تۇتمايدىغان كۆلچەك شەكىللىنىپ، سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ بىلەن چوڭ ئاق قۇنى كۆڭۈلدىكىدەك قىشلاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھەر يىلى قىش پەسلىدە، بۇ يەر ئاق قۇلارنىڭ شادلىق باغچىسىغا ئايلىنىدۇ.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ياخشىلىدى، ئاق قۇ بۇلاققا كېلىپ قىشلايدىغان ئاق قۇلارنىڭ سانى يىلدىن- يىلغا كۆپەيدى، بۇ يىل بۇ يەرگە كېلىپ قىشلايدىغان ئاق قۇلار سانىنىڭ 800دىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

 ئاق قۇلار مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ قىشلىدى، يېزا-كەنت ئاق قۇلارنىڭ كېلىشى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى. 2023- يىلى، ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشتى.

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىدا ئاق قۇلارنى تاماشا قىلماقتا.

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، فوتوگراف ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىدا ئاق قۇلارنى سۈرەتكە تارتماقتا.

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاق قۇلار غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخىلىقتام كەنتىگە جايلاشقان ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىدا پەرۋاز قىلماقتا.

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاق قۇلار غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخىلىقتام كەنتىگە جايلاشقان ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىدا پەرۋاز قىلماقتا.

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاق قۇلار غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخىلىقتام كەنتىگە جايلاشقان ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىدىكى سۇ يۈزىدە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرمەكتە.

11- ئاينىڭ 30- كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخىلىقتام كەنتىدە تارتىلغان ئاق قۇ بۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125