«تۇرپان شەھىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسى» باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى
15:14:53 2024-12-05 تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 12- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتى تەشكىللىگەن «تۇرپان شەھىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسى»نى باھالاش يىغىنى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا ئېچىلدى، «تۇرپان شەھىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسى» باھالاشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

باھالاش يىغىنى نەق مەيدانى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى پېڭ دەننى فوتوسى

 باھالاش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ تەزكىرە باھالاش مۇتەخەسسىسلىرى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى تەزكىرە خىزمەتچىلىرى «تۇرپان شەھىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسى»نىڭ مۇندەرىجىنى لايىھەلەش، تۈزۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تارىخىي پاكىت مەزمۇنى، بايان تىلى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر، كەڭ دائىرىدە باھالىدى، مۇھاكىمە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: «تۇرپان شەھىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسى»دە 1978- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئوبيېكتىپ بايان قىلىنغان بولۇپ، بىرقەدەر كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، بايان خاراكتېرىگە، ئىلمىيلىككە، ئوقۇشچانلىققا ئىگە.

 ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسىدىكى ماقالىلەرنىڭ خاس يارقىن نۇقتىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇندەرىجە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بايان ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇش، جەدۋەلنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈرەت تولۇقلاش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈزىتىش پىكرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 ئىگىلىنىشىچە، 2023- يىلى 8- ئايدا تۇرپان شەھىرى «تۇرپان شەھىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەزكىرىسى»نى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلىغان. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى جەھەتتە تولۇق كاپالەتلىك قىلغان. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تارىخ- تەزكىرە ئىشخانىسى لايىھەنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە مەسئۇل بولۇپ، كەسپىي كوللېكتىپ تەشكىللەپ قۇرغان ھەم تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن. تەزكىرىدە قىسىم، باب، پاراگراف، تارماق ئاساسىي رامكا قۇرۇلمىسى قىلىنغان بولۇپ، تەزكىرە بېشىدا قىسقا ئۆرنەك، ئومۇمىي بايان، چوڭ ئىشلار خاتىرىسى قاتارلىق بۆلەكلەر تەسىس قىلىنغان، مەخسۇس تەزكىرە جەمئىي سەككىز قىسىمدىن تەركىب تاپقان، تەزكىرە ئاخىرىدا قوشۇمچە مۇندەرىجە، خاتىمە قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. تەزكىرىنى تۈزۈشتە بايان، خاتىرە، ھۆججەت، تەرجىمىھال، سۈرەت، جەدۋەل، ئەسلىمە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئۇنىۋېرسال قوللىنىلىپ، تەزكىرە گەۋدىسى ئاساس قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، گىرافىك قىستۇرۇلۇپ، سۈرەت بىلەن يېزىقنى كىرىشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى جانلىق نامايان قىلىنغان. (مۇخبىرلار پېڭ دەننى، ئەنۋەر غوپۇر) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125