12- ئاينىڭ 2- كۈنى، «مەدەنىي قاتناشنى ئورتاق بەرپا قىلىش» تېمىسىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ 13- قېتىملىق «مەملىكەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كۈنى» ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما پائالىيىتى ئىدىقۇت رايونىدىكى ساياھەت- مەدەنىيەت مەيداندا ئۆتكۈزۈلدى.
خەلق ساقچىلىرى ئاممىغا تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتماقتا.
پائالىيەتكە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تۇرپان شەھەرلىك كومىتېتى، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ۋە تۇرپان شەھەرلىك يول قاتنىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي كومىتېتىغا ئەزا 14 ئورۇن قاتنىشىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلاش، تەشۋىقات تاختىسى قويۇش، تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش، ئىبرەت تەربىيەسى قىسقا فىلىمى قويۇش ۋە نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەدەنىي قاتناش ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلدى. شەھەر ئاھالىسى جاۋ لىخۇا مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق نۇرغۇن قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمدىن باشلاپ ناچار قاتناش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، مەدەنىي يول يۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.
«بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت، كەڭ خەلق ئاممىسىنى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن- بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشتىكى قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە مەدەنىيلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر، تەرتىپلىك، مەدەنىي، راۋان بولغان يول قاتناش مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت» دېدى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋېي خۇڭلياڭ. (مۇخبىرلار مېھرىگۈل ئەخمەت، ئالىيە خۇجى)