تۇرسۇن پەتتار: نازىركوم ئويناپ، خۇشاللىقنى ھەر بىر كىشىگە يەتكۈزىمەن
15:15:15 2024-12-05 تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 «ئەركىن، تېتىك، ئۈمىدۋار... بۇلار نازىركوم ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى». 11- ئاينىڭ 18- كۈنى، پىچان ناھىيەلىك مۇقام سەنئەت مەركىزىدە، تۇرسۇن پەتتار سۆزلىگەچ ياش ئۇسسۇلچىلارغا نازىركومنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى، ئۇنىڭ چاققان، تېز ھەرىكەتلىرىدىن بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئۆزگىچە رىتىم تۇيغۇسىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. 

تۇرسۇن پەتتار (سولدىن 2- كىشى) نازىركوم ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى كۆرسەتمەكتە. ئادىلە مەمتىمىن فوتوسى

 دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى − نازىركومنىڭ تۇرپان شەھىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى تۇرسۇن پەتتار 15 يېشىدىن باشلاپ نازىركوم ئۆگىنىشنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 40 نەچچە يىل نازىركوم ئوينىدى.

 «نازىركوم ساز چېلىش، ماھارەت ئويۇنى، گاچا تىياتىر، ئېيتىشىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان، ئۇنىڭدىكى زوڭزىيىپ قەدەم ئېلىش ئۇسسۇلى شۇ جايدىكى خەلق ناخشا- ئۇسسۇللىرى ئىچىدە ئۆزگىچە ئورۇن تۇتىدۇ». تۇرسۇن پەتتار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇسسۇل قەدىمى «تاق قەدەمدە مېڭىش»نى ئاساس قىلىدۇ، تىزنى سەل ئېگىپ، بەدەننى بوش قويۇۋېتىپ قىياپەتنى ئۆزگەرتكەندە يېقىملىق ۋە يۇمۇرلۇق كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇسسۇلغا يەنە يىپ ئېشىش، لەڭمەن تارتىش دېگەندەك ئەمگەك، تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى سىڭىشىپ كەتكەن. كۆپ مىقداردىكى زوڭزىيىپ سەكرەش، سەكرەپ چۆرگىلەش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئۇسسۇلنى يېنىك ھەم قىزىقارلىق تۈسكە كىرگۈزىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى «پەتەك قەدەم» ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، ئويۇن قويغۇچىلار قاش- كۆزىنى ئوينىتىپ، بېشىنى گىلدىڭلىتىپ، تاماشىبىنلارنى قاتتىق كۈلدۈرۈۋېتىدۇ.

 نارىركومنى قانداق ئۆگەنگەنلىكىنى توغرىسىدا، تۇرسۇن پەتتار مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمدا، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا ياكى توي- تۆكۈن، ھېيت- بايراملاردا بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە نازىركوم ئوينايتتى. تۇنجى قېتىم كۆپچىلىكنىڭ نازىركوم ئوينىغىنىنى كۆرگەندە، نەق مەيداندىكى خۇشال كەيپىياتتىن ئىنتايىن روھلىنىپ كەتكەن، شۇنداقلا خۇشاللىقنى ئەتراپىمدىكى ھەربىر كىشىگە يەتكۈزۈشنى ئويلىغانىدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇستاز تۇتۇپ نازىركوم ئۆگىنىشنى باشلىدىم. ئۇستازىم ئەلى تۆمۈر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىن باشلاپ سەھنىلەردە ئويۇن قويۇشقا باشلىغان، ئۇ بىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىمىزگە، ھەر بىر ئىنچىكە تەپسىلاتقا قاتتىق تەلەپ قوياتتى.

تۇرسۇن پەتتار پىچان ناھىيەلىك مۇقام سەنئەت مەركىزىدە نومۇر تەييارلىماقتا. ئادىلە مەمتىمىن فوتوسى

 «ئەلى مۇئەللىم بىزنى ئالدى بىلەن توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى كۆزىتىشكە بۇيرۇپ، ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلدى». تۇرسۇن پەتتار ئۆي قۇشلىرىنىڭ يول ماڭغاندىكى ئۆزگىچە رىتىمى ۋە تۇرقىنىڭ، شۇنداقلا بېشىنى گىلدىڭلاتقان ھالىتىنىڭ ئىنتايىن يۇمۇرىستىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەرىكەتلەرنى دوراپ، ئۇسسۇلغا ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈردى.

 «تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققاندا ناھايىتى جىددىيلىشىپ، سەھنىدە ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇۋېتەلمىگەچكە تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلمىدىم، لېكىن ئەلى مۇئەللىم مېنى توختىماي ئىلھاملاندۇردى». ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇرسۇن «بەلنى ئېگىپ گۈل ئېلىش»، «قولنى كەينىگە قىلىپ ئېڭىشىپ گۈل ئېلىش» قاتارلىق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتلەرنى تەدرىجىي ئىگىلىدى. ئۇ نازىركومنىڭ جەلپكارلىقىنىڭ ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن كېلىدىغانلىقىنى، مۇزىكا رىتىمىغا ماسلىشىشتىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ساز چېلىشنى ئۆگىنىپ، مۇزىكا رىتىمى بىلەن ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى تىرىشىپ ماسلاشتۇرۇپ، ئۇسسۇلنى تېخىمۇ جانلىق، قىزىقارلىق ئوينايدىغان، سەھنىدە ئۆزىنى تېخىمۇ ئەركىن- ئازادە قويۇۋېتەلەيدىغان بولدى.

 ئۇسسۇل ماھارىتىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، تۇرسۇن پەتتار شۇ جايدىكى توي مۇراسىمى، بايرام پائالىيەتلىرىدە نازىركومنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى ھەم ئويۇن قويۇش سەھنىسىنى ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ «ئاپتونوم رايوننىڭ 8- قېتىملىق مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە ھەپتىلىكى» كۆرگەزمە ئويۇنى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر ۋارىس»، «تۇرپان شەھىرىدىكى مۇنەۋۋەر خەلق ئىچى سەنئەتكارى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

 كۆپ يىللىق ئويۇن قويۇش جەريانىدا، تۇرسۇن پەتتار نازىركومغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ نۇرغۇن شاگىرت تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، 26 ياشلىق مىجىت ياسىن شۇلارنىڭ بىرى. مىجىت ئۆي بېزەكچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت، نازىركوم ئۆگىنىشكە تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: تۇرسۇن مۇئەللىم بىزگە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىتىپلا قالماي، تۇرمۇشتىمۇ كۆپ ياردەم قىلدى، ئادەتتە بىز دوستلاردەك ئۆتىمىز. 

 «بۇ يىل 63 ياشقا كىردىم، تېنىم ساغلام، ئۇسسۇل ئوينىغۇدەك ماغدۇرۇم بار، نازىركومنىڭ ۋارىسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ياشنى تەربىيەلەپ، بۇ خەلق ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىمەن»، دېدى تۇرسۇن پەتتار. (مۇخبىرلار ئادىلە مەمتىمىن، ئەنۋەر غوپۇر)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125