نوقۇتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى گۆشتىن قېلىشمايدۇ، كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ
17:01:18 2024-12-05 تىيانشان تورى

 نوقۇت يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلوگ ئىگىلىرى، كۈتۈنۈش دارېنلىرىنىڭ  تاماق تىزىملىكىدە كۆپ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، يەنە ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ گۆش تۈرىدىكىلەردىن قېلىشمايدۇ.

 ئاقسىل مىقدارى مول

 ھەر 100 گىرام قۇرۇق نوقۇتنىڭ ئاقسىل مىقدارى 21.2 گىرامغا يېتىدۇ، پىشۇرۇلغان نوقۇتنىڭ ھەر 100 گىرامىنىڭ ئاقسىل مىقدارى 8.86 گىرامغا يېتىدۇ. 100 گىرام كالا گۆشىدىكى ئاقسىل مىقدارى 18.3 گىرام بولۇپ، گەرچە پىششىق نوقۇتتىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن نوقۇت ئاقسىل تولۇقلاش جەھەتتە يەنە باشقا ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.

 نوقۇت پۇرچاق تۈرىدىكى ئارىلاشما پۇرچاق بولۇپ، قىزىل پۇرچاق، يېشىل پۇرچاق، سەي پۇرچاق قاتارلىقلار بىلەن بىر تۈرگە كىرىدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بۇنداق پۇرچاق تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، ئاساسلىقى كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى، يېمەكلىك تالاسى ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما نوقۇت باشقا بىر تۈرگە تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقسىلى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ، سۈپىتى سېرىق پۇرچاق ۋە گۆش تۈرىدىكىلەردىن قېلىشمايدۇ. بۇ، ئاساسلىقى، نوقۇتنىڭ ئاقسىل تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان سەككىز خىل ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ بولغانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، نىسبىتى مۇۋاپىق، پايدىلىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقىدىن بولغان.

 يېمەكلىك تالاسى مىقدارى يۇقىرى، ماي مىقدارى تۆۋەن

 نوقۇتنىڭ ئاقسىل مىقدارى تۆۋەن بولمىغاندىن باشقا، قىزىل گۆشكە قارىغاندا يەنە يېمەكلىك تالاسى مىقدارى يۇقىرى، ماي مىقدارى تۆۋەن ھەم سۈپىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بار.

 تاماق تالاسى يوق دېيەرلىك كالا گۆشىگە سېلىشتۇرغاندا، قۇرۇق نوقۇتنىڭ 100 گىرامدىكى يېمەكلىك تالاسى 11.6 گىرام (پىششىق نوقۇتنىڭ 7.6 گىرام)غا يېتىدۇ، بۇ يېمەكلىك تالاسى تولۇقلاش ئارقىلىق ئورۇقلىماقچى، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەبىئىيلا تېخىمۇ دوستانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ماي ئازلاش مەزگىلىدە ئەگەر «ئېغىز غېرىبسىنىپ قالغاندەك» ھېس قىلسا، ئەڭ ياخشى ئۇششاق يېمەكلىك نوقۇت بولىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر 100 گىرام پىششىق نوقۇتنىڭ ماي مىقدارى 2.59 گىرام بولۇپ، كالا گۆشىدىنمۇ تۆۋەن (4.2 گىرام). ئۇنىڭ ئۈستىگە، نوقۇتنىڭ مېيى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنى ئاساس قىلغان كالا گۆشىدىن كۆپ كۈچلۈك. تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بەدەندە ياغلارنىڭ مېتابولىزمىنى تەڭشەش رولىغا ئىگە بولۇپ، زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنمىسىلا، قاندىكى ماينى كونترول قىلىشتا پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125