يېقىندا، بىر تورداش توردا «قۇمقاناس چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكى ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىنىڭ سۈيى تازىلىق ئۆيىدىن ئېلىنغان» دېگەن ئۇچۇرنى تارقاتتى. بۇرچىن ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، جېكبېلېڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئالاقىدار ۋىدىيونى چىقىرىپ تەكشۈرۈش، ئالاقىدار خادىملاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، توردا تارقالغان ئۇچۇرلاردا خاتا چۈشەنچە بارلىقىنى بايقىدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، توردا تارقالغان ۋىدىيو ئورنى تازىلىق ئۆيى ئەمەس، بەلكى جېكبېلېڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى مۇلازىمەت زالىنىڭ 1- قەۋىتىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تازىلىق بۇيۇملىرىنى ساقلاش ئۆيى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، تازىلىق ئىشچىسى كېرەكسىز سۇ تۇڭىغا سۇ ئېلىۋاتقان بولۇپ (بەلگە قويۇلمىغان)، بۇ سۇلار كۈندىلىك تازىلىق، گۈل سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىكەن، ئەزەلدىن ئىچىملىك سۇ ئورنىدا ئىشلىتىلمىگەن.