يالقۇن غازى
مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان ھېكايەمنى سۆزلەشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن دادام غازى ئەمەتنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان چوڭقۇر رىشتىنى سۆزلەپ ئۆتەي.
20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا، دادام «شىنجاڭ گېزىتى»دە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇنىڭ شۇ چاغلاردا ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدىغان بىردىنبىر ئورۇن ئىدى. ھەر قېتىم دۆلەت بايرىمى قاتارلىق مۇھىم بايراملاردا، دادام خەۋەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيدىكى سۇس چىراغ نۇرىدا كېچىلەپ خەۋەرلەرگە قىستۇرما رەسىم سىزاتتى. گەرچە ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، قولىدا تاپقىلى بولىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ كۆزىتىشكە ماھىر كۆزى ۋە چېۋەر قوللىرىنى ئىشقا سېلىپ، قەغەزگە گۈزەل سىزىقچىلار بىلەن شىنجاڭدىكى تاغ- دەريالار ۋە شەخسلەرنى سىزىپ چىقتى، رەسىملەر ئاددىي ھەم تەسىرلىك ئىدى. كېيىن، دادامنىڭ ئەسەرلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت بېتىدە مەركەزلىك نامايان قىلىنىشقا باشلىدى، بۇ ئەسەرلەردە دادامنىڭ سەمىمىي- ساداقەتمەنلىككە تولغان قەلبى ۋە سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان ھاياتى خاتىرىلەنگەنىدى.
مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش» دېيىشكە بولىدۇ، مەن ھەم ئۇنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى، ھەم ئۇ ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان سەنئەت خىزمەتچىسى.
مەن شىنجاڭ گېزىتى بىلەن 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان، ئەينى چاغدا مەن ھەربىيلىككە قاتنىشىپ قىسىمدا تۇرۇۋاتقانىدىم، گېزىت- ژۇرنال جازىسىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» ئەينى چاغدىكى ئاساسلىق ئوقۇشلۇق بولۇپ، ھەر قېتىم يېڭى بىر سان گېزىت كەلگەندە، مەن دەرھال بېرىپ ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتىم، بىرىنچى بەتتىن ئەڭ ئاخىرقى بەتكىچە بىر خەتنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي، تەپسىلىي ئوقۇيتتىم، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدىم. گەرچە كېيىن خىزمىتىم كۆپ قېتىم يۆتكەلگەن بولسىمۇ، لېكىن «شىنجاڭ گېزىتى»نى ئوقۇپ، ئەڭ يېڭى سىياسەت، نەزەرىيە ۋە ئالاقىدار مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىش مېنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئادىتىم بولۇپ قالدى. كېيىن ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى تورغا چىقىرىلىپ، مېنىڭ يان تېلېفوندا شىنجاڭنىڭ يەرلىك خەۋەرلىرى، ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشىمگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدە، شىنجاڭ گېزىتى ئەزەلدىن كەم بولۇپ باقمىدى، ھەرخىل شەكىلدىكى ئاخبارات مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق، مەدەنىيەت- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تۈرلۈك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خاتىرىلىدى. بولۇپمۇ ئۇ شىنجاڭدىكى سەنئەتكارلارغا كۆڭۈل بۆلدى، بۇ ماڭا تولىمۇ يېقىن تۇيۇلدى. ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، ئەمدىلا ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن تارتىپ ئىجادىيەتتە پىشىپ يېتىلگەنگىچە، شىنجاڭ گېزىتى سەنئەت يولۇمدىكى ھەربىر ئىزناغا دىققەت قىلدى ھەم خاتىرىلىدى. يەنە «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «غەربىي يۇرت مەنزىرىلىرى» گۈزەل سەنئەت بېتىدە، دىققەت شىنجاڭنىڭ گۈزەل سەنئەت ساھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نادىر ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىش، داڭلىق شەخسلەر بىلەن سۆھبەت، داڭلىق ئەسەرلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قاتارلىق سەھىپىلەر ئارقىلىق، نادىر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى نامايان قىلىنىپ، سەنئەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، گۈزەل سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ تالانتى ۋە ئىجادچانلىقى نامايان قىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ كىشى مۇنەۋۋەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى، شۇنداقلا گۈزەل سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلۇپ، سەنئەت ساھەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇندى.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، مەن يەنە ھەمىشە سۇس سىياھ ھېدى پۇراپ تۇرغان «شىنجاڭ گېزىتى»نى ئوقۇپ، ئۇنىڭغا بېسىلغان ھەربىر پارچە جانلىق سىزما رەسىم، ھەربىر پارچە مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرگە پۈتۈن دىققەت بىلەن نەزەر سالىمەن، ئۇلاردا تەسۋىرلەنگەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانلىق چىراي ئىپادىلىرى، شىنجاڭنىڭ بىپايان مەنزىرىلىرى مېنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.
«شىنجاڭ گېزىتى» نەشر قىلىنغانلىقىغا 75 يىل بولغانلىق خۇش خەۋىرىنى ئاڭلىدىم، ئۇنىڭ بارغانسېرى ياخشى چىقىرىلىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
(ئاپتور جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك رەسسام)