12- ئاينىڭ 4- كۈنى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى جىكبېلېڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىداچاڭغا تېيىلماقتا.
شۇ كۈنى، 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قۇم كەنتىدىكى جىكبېلېڭ خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا باشلاندى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «ئىللىق قارغا پۈركەنگەن يىپەك يولى، مېنىڭ شىنجاڭىم» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، توزغاق قاردىكى كاتتا مەرىكە، مۇسابىقە ئىشلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن، ھەرقايسى جايلاردىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا قار- مۇز كاتتا مەرىكىسى ئېلىپ كېلىپ، قار- مۇز ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. جاڭ فۇشىن فوتوسى