«چۈشلۈك دەم ئېلىشتا <ئارام ئېلىش ئورنى>غا بېرىپ بىرئاز ئارام ئالايلى». 12- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتە تازىلىق ئىشچىسى رىزۋانگۈل ئابلەت بىرنەچچە خىزمەتدىشى بىلەن ئۈرۈمچى چاڭجياڭ شىمالىي يولى مەھەللىسىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىدىكى «ئارام ئېلىش ئورنى» قەلبنى ئىللىتىش ئۆتىڭىگە كەلدى.
«ئارام ئېلىش ئورنى»نىڭ ئىللىق چىراغ نۇرى ۋە پاكىز مۇھىتى كىشىگە ئازادىلىك بېغىشلايتتى. مۇخبىر ئارام ئېلىش رايونىدا سافا ۋە ئىچىملىك سۇ ماشىنىسى بارلىقىنى، ئۈستەلگە يەنە ھەرخىل مېۋىلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى، سافا يېنىدىكى توك قاچىلاش ئەسلىھەسىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ يان تېلېفونغا تېز سۈرئەتتە توك قاچىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆردى. مۇلازىمەت جازىسىغا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار قاچىلانغان دورا ساندۇقى قويۇلغان بولۇپ، جىددىي پەيتتە دەل ۋاقتىدا ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى؛ ھاۋارايىدا تاسادىپىي ئۆزگىرىش كۆرۈلگەندە ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە زاپاس كۈنلۈك تەييارلاپ قويۇلغانىدى؛ تازىلىق بۇيۇملىرى تولۇق سەپلەنگەن ئىدى.
تېز يەتكۈزگۈچى لى يۈ ھەر كۈنى سائەت 8:00دىن باشلاپ ئالدىراش بولۇپ كەتسە، سائەت 12:30لاردا بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتى چىقاتتى. ئىلگىرى مەيلى قەھرىتان سوغۇق ياكى تومۇز ئىسسىقتا بولسۇن، پەقەت تېز يوللانمىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىدا ئارام ئالاتتى، «ئارام ئېلىش ئورنى» بولغاندىن كېيىن، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى ئارام ئالىدىغان ياخشى جايغا ئىگە بولدى.
ئۈرۈمچى چاڭجياڭ شىمالىي يولى مەھەللىسىنىڭ شۇجىسى شۈ مېڭيەن مۇنداق دېدى: «چاڭجياڭ شىمالىي يولى مەھەللىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىدىكى <ئارام ئېلىش ئورنى> 11- ئاينىڭ 24- كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت بالىلارنى ئاپىرىپ- ئەكىلىدىغان ئاتا- ئانىلار، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، قاتناش ساقچىلىرى قاتارلىق سىرتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنى ئارام ئالىدىغان سورۇن بىلەن تەمىنلەش».
12- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتە بىرنەچچە تازىلىق ئىشچىسى بىلەن قاتناش ساقچىسى چاڭجياڭ شىمالىي يولى مەھەللىسىدىكى «ئارام ئېلىش ئورنى» قەلبنى ئىللىتىش ئۆتىڭىدا ئارام ئالماقتا. ( «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ چىڭشيا فوتوسى)
(مۇخبىر ليۇ چىڭشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر دىلمۇرات مۇتەللىپ)