12- ئاينىڭ 4- كۈنى، گاۋتيې ئەدلىيە پونكىتى بىلەن تۆمۈريول گۇڭئەن ئىدارىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالى ساقچىخانىسىدىكى خادىملار ئۈرۈمچى ۋوگزالى گاۋتيې تۈگۈنىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدا يولۇچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماقتا.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى راۋ جۈنخۇا خەۋىرى، فوتوسى)
12- ئاينىڭ 4- كۈنى 11- قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى، 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە 7- قېتىملىق «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى». يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پۈتۈن شەھەردىكى ئەدلىيە ئىدارىسى، قاتناش ساقچى تارمىقى، سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىدىكىلەر بازار، مەكتەپ، كارخانا، گاۋتيې ۋوگزالى قاتارلىقلارغا بېرىپ، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇپ، ئاممىغا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھى ۋە قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى بازارغا كىرگۈزۈلدى
ئاممىنىڭ سوئاللىرىغا بىر- بىرلەپ جاۋاب بېرىلدى
«ئاساسىي قانۇننىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟»، «ئاساسىي قانۇن بىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىمىزنى قوغدىيالامدۇ؟»... 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) فېڭبېي مەھەللىسى بازار كوچىسىدا ئاھالىلەر ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئەدلىيە ئىدارىسى شىمالىي ۋوگزال ئەدلىيە ئورنىنىڭ خىزمەتچىلىرى تارقاتقان تەشۋىقات قوللانمىسىنى قولىغا ئېلىپ يۇقىرىقىدەك سوئاللارنى سوراشتى.
«ئاساسىي قانۇن دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە. ئاساسىي قانۇن تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك، يەر ھوقۇق- مەنپەئىتىدىن تارتىپ بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغىچە، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش كاپالىتىگىچە ھەممىسى ئاساسىي قانۇننىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ». خىزمەتچى خادىم مۇنىرە كۆپچىلىكنىڭ سوئالىغا بىر- بىرلەپ جاۋاب بەردى ھەمدە قانۇن ماددىلىرى ئارقىلىق ئاممىنى ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قانۇن قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى ئاڭلىق قوغداشقا يېتەكلىدى.
شۇ كۈنى شىمالىي ۋوگزال ئەدلىيە پونكىتى «ئاساسىي قانۇننى ھەمرا قىلىش . قانۇن بىلەن سەپەرداش بولۇش» باش تېمىسىدىكى ئاساسىي قانۇن بىلىملىرى مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەت ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ شىمالىي ۋوگزال تەۋەلىكىدىكى رايونلارغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇننى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى كۈندىلىك ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى كۈندىلىك ئالاقە جەريانىدا باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، باراۋەر، ئادىل بولغان قانۇنچىللىق پىرىنسىپىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى.
قاتناش ساقچىلىرى قانۇننى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىردى
تىنچ- ئامان، ئىناق مەكتەپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى
12- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئەنەنچۈ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى ئوۋ جيەنلياڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى تەۋەلىكتىكى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇردۇق، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇنى تەتبىقلايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تىنچ، ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلدۇق».
ئوۋ جيەنلياڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن تەۋەلىكتىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 139- ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلدى. خەلق ساقچىلىرى جانلىق دېلو مىساللىرى ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قانۇن توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى بولۇشتىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قاتناش بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن- نىزاملىرىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ۋاقىت قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئەسكەرتتى.
مەكتەپ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي قانۇنغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولدى، بۇ ئۇلارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپمۇ قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ بىخەتەر، ئىناق ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈلدى
سوتچى نەق مەيداندا قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇردى
12- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سوت كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى جاڭ شۆلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سوت مەھكىمىمىز «4- دېكابىر» دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاممىغا «ئاساسىي قانۇن»دىن كۆپ مەيدان «قانۇنچىللىق كاتتا زىياپىتى» بەردى. تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى كۈچەيتىلىپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلدى.
شىمىگۇ رايونى شۈيمويۈەن مەھەللىسىدىكى پائالىيەت نەق مەيدانىدا سوتچى جاڭ شۆلى ئالدى بىلەن ئاممىغا ئاساسىي قانۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، تەركىبى ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ پۇقرالارغا ئاتا قىلغان ھوقۇقلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ چوڭ قانۇنى بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورنىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئاھالىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۆيلىنىش، ئائىلە، خەلق ئىچىدىكى قەرز قاتارلىق جانىجان مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن مەسىلىلىرىگە نەق مەيداندا جاۋاب بەردى. چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك تىل ۋە جانلىق، ئوبرازلىق دېلو مىساللىرى ئارقىلىق قانۇن ماددىلىرى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلىنىپ، ئاساسىي قانۇن روھى ۋە قانۇنچىللىق قارىشى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇلدى.
12- ئاينىڭ 4- كۈنى، شىمىگۇ رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ كۈزلۈك ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدىكى 30دىن ئارتۇق كۇرسانت شىمىگۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېلىپ، ئىككى قېتىملىق ھەق تەلەپ، سودا ئىشلىرى دېلوسىنى سوت قىلىشنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، دېلو مىسالى ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈشنى «نۆل ئارىلىق»تا قوبۇل قىلىپ، كۆزىتىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈردى. كۆپچىلىكنىڭ نەق مەيداندا سوت جەريانىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى كادىرلارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.
«ئاساسىي قانۇن + غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» سودا چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈلدى
قانۇن ساۋاتلىرى جانلىق ھەم قىزىقارلىق شەكىلدە ئومۇملاشتۇرۇلدى
ئاساسىي قانۇن بىلەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن قانداق ئۇچقۇنلار پەيدا بولىدۇ؟
شۇ كۈنى گاۋتيې ئەدلىيە ئورنى تۆمۈريول گۇڭئەن ئىدارىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالى ساقچىخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئاساسىي قانۇن ئامىللىرىنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالى گاۋتيې تۈگۈنىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدا، «يايما نۇقتىسى تەسىس قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق پويىز كۈتۈش زالىدىكى يولۇچىلارغا ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلدى ۋە ئۇلار بىلەن ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولدى.
گاۋتيې ئەدلىيە ئورنىنىڭ مەسئۇلى شۈ چيەن مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قانۇن + غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تەشۋىقات شەكلى ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش، ئىجاد قىلىش ۋە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى ئىجادىي، قىزىقارلىق قىلىپ، قانۇنچىللىق روھىنى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈردۇق.
شۇ كۈنى شىخۇ ئەدلىيە ئورنى بىلەن دۇڭشەنپو مەھەللىسىدىكىلەر ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋەندا مەيدانىغا كېلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر- سەنئىتى يۇغۇرۇلغان بىر قاتار ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاشنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەۋج ئالدۇردى.