ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باغچىلار سىزنى قار- مۇز سەيلىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ
12:37:53 2024-12-06 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

12- ئاينىڭ 4- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدىكى قار- مۇز دۇنياسىدا قار يولى ياتقۇزۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە قىشلىق باغچە سەيلىسى قىلىدىغان ياخشى جاي ھازىرلاپ بېرىلدى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى دىلنار جارقىن فوتوسى)

 قار- مۇز ساياھەت پەسلىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلار سىزنى قار- مۇزنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا تەكلىپ قىلماقتا.

 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ- ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەزگىلدە ھەرقايسى چوڭ باغچىلار باغچە رايونى ئىچىدىكى تەنھەرىكەت مەيدانى، مەنزىرە كۆلى قاتارلىق مەيدان- سورۇنلارغا تايىنىپ، ئارقا- ئارقىدىن مۇز مەيدانى، قار ئويۇنى رايونى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان قار- مۇز باغچە سەيلىسى تۈرىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى قىشلىق ساياھەت قىلىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىگەن.

 ئۈرۈمچىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولغان خۇڭسەن باغچىسىغا كىرسىڭىز، تاغ ئېتىكىدىكى كۆلنىڭ مۇز مەيدانىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ يەردە مۇز تېيىلىشتىن باشقا، يەنە قار چەمبىرىكى، مۇز ئۈستى پىكاپى، مۇز ئۈستى سوقما ماشىنىسى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرىدىن بەھرىلىنەلەيسىز.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىنىڭ قار- مۇز دۇنياسىدا قار چەمبىرىكى يولى ۋە تۈرلۈك قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى مۇز مەيدانىمۇ سىرتقا ئېچىۋېتىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قار- مۇز دۇنياسىنىڭ مەسئۇلى ما جۈنتاۋ مۇنداق دېدى: «ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قار- مۇز دۇنياسىنىڭ كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، قار چەمبىرىكى، مۇز تېيىلىش، قارلىق دالا موتوسىكلىتى، چانا قاتارلىق نەچچە ئون خىل ساياھەت تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 11- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەھەر ئاھالىلىرىگە رەسمىي ئېچىۋېتىلدى».

 ھازىر تىجارەت باشلىغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى قار- مۇز دۇنياسى، خۇڭسەن باغچىسىدىن باشقا ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردىكى قار- مۇز تۈرلىرىمۇ جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ.

 تىيانشان باغچىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى يەنيۈ مۇنداق دېدى: «ھاۋا رايى ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىز مۇز مەيدانى ياساشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىمىز. باغچە رايونىدىكى سۈنئىي كۆلگە تايىنىپ، مۇز ياساش ئۇستىسى كەسپىي مۇز مەيدانىنى سىلىقلايدۇ ھەم ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتى مەشىقى ۋە مۇسابىقە ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ھەم بىرلا ۋاقىتتا مۇز ئۈستى سوقما ماشىنىسى، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مۇز ئۈستى ئىستىراھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ».

 كېيىنكى مەزگىلدە ھەرقايسى چوڭ باغچىلار يەنە باغچە رايونىنىڭ مول قار- مۇز بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىر قاتار كۆپ خىل شەكىلدىكى قار- مۇز سەيلىسى پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قىشلىق مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىدۇ.  (مۇخبىر گو جۈنگې)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125