لۇ شياۋشىڭ
مېنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشتىنىم بار، بەك ئىسسىق، بەلكىم كىرئالغۇدا يۇيۇپ كىرىشىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك، بىر پۇچقىقى پۇرلىشىپ، ئېنىق بىلىنىدىغان ھەم ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان بولۇپ قالدى.
بىر قېتىم ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە قايتقىنىمدا، دادام ئىشىك ئالدىغا چىقىپ مېنى قارشى ئالدى، كۆزلىرىدە كۈلكە ئويناپ تۇراتتى، كۆز قۇيرۇقىدىكى قاتمۇقات قورۇقلار مېنىڭ ئۆيگە قايتقىنىمدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
«شياۋشىڭ»، ئۆيگە كىرىپ كېتىۋاتسام، ئۇ تۇيۇقسىز مېنى چاقىردى: «ئىشتىنىڭىزنىڭ پۇشقىقى قىسقا بولۇپ قاپتۇ»، دېدى.
مەن ئاياغ تەرىپىمگە قارىدىم، ئەسلىدە پۇتۇمنىڭ يۈزىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىشتان «ئوشۇققا كېلىدىغان ئىشتان»غا ئوخشاپ قېلىپ، ئوشۇقۇم كۆرۈنۈپ قاپتۇ.
«بىردەم تۇرۇپ، سەل تۇرۇپ ئىشتاننى ئالماشتۇرۇپ بەرسىڭىز، مەن ئىشتىنىڭىزنىڭ پۇشقىقىنى ئۇزارتىپ بېرەي». دادام ئۆيگە كىرىپ كونا پاسوندىكى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ياشانغانلار كۆزئەينىكىنى چىقىرىپ تاقاپ، تارتمىنى ئېچىپ يىپ- يىڭنە ئىزدەشكە باشلىدى.
دادام بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدى، ئۇ 12 ياشقا كىرگەن يىلى بوۋام ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دادام شاگىرتلىققا كىرىپتۇ، ھازىر دادام نەچچە ئون يىللىق كونا تىككۈچى. ياش ۋاقتىدا، ئۇ دائىم ياللىغۇچىنىڭ ئۆيىدە ئىشلەپتۇ. كېيىن، دادام بىر كىچىك دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، پىشقان ھەم گۈلدەك ھۈنىرىگە تايىنىپ ئائىلىمىزنى باققان، ئاكام ئىككىمىزنى ئوقۇتقان ئىدى.
كۆپ يىل مۈكچىيىپ مەشغۇلات قىلغاچقا، ئۇنىڭ كۆزى تورلىشىپ، بارا- بارا ئىش ئالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. مەن ئۇنى چارچىتىپ قويۇشنى خالىماي، ئۇنى توسۇپ: «ھېچقىسى يوق، مەن چىقىپ باشقىلارنى تېپىپ قىلغۇزاي، كۆزىڭىزنى ئۇپراتماڭ»، دېدىم.
«تىككۈچى دېگەن مەن تۇرسام، سىز يەنە كىمنى ئىزدىمەكچى؟» ئۇ چەكچىيىپ قارىۋېدى، ئەسلىدە تەھدىت كۈچىگە تولغان كۆزلىرى قېلىن كۆزئەينەكنىڭ ئەينىكىدە ئاجىزلاپ كەتتى. مەن ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم، ئۇ تارتمىنى ئاختۇرغاچ: «ياشلار كۈن ئېلىشنى بىلمەيدۇ ...»، دېدى.
دادامنىڭ كۆزى ياخشى بولمىغاچقا، ئالدىرىماي ئىشلىدى، مەن چۈشلۈك تاماقنى ئېتىپ بولۇپ ئۇنى چاقىرغىلى كىرسەم، ئۇنىڭ ئىشتاننىڭ پۇشقىقىنى تۇتقىنىچە، دېرىزىنىڭ يورۇقى تەرەپكە بېرىۋاپتۇ. دېرىزىدىن كىرگەن قۇياش نۇرىنىڭ يېرىمى ئۇنىڭ ئاقارغان چېكە چاچلىرىغا، يېرىمى قاتاڭغۇر قولىغا چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ مېنىڭ كىرگىنىمنى سەزمىگەندەك، پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىكىۋاتاتتى.
مېنىڭ نەزەرىم دادامدا توختاپ قالدى، بىر خىل ئىللىق ئېقىم قۇياش نۇرى بىلەن بىللە قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئېقىپ كىرىپ، كۆز چانىقىمنى نەملىدى.
مەن ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا، دادام مېنىڭ قاراپ تۇرغىنىمنى بايقاپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ: «سىز ئاۋۋال يەپ تۇرۇڭ، مەن پۈتكۈزىۋېتىپ ئاندىن يەي، تېزلا تۈگەيدۇ»، دېگىنىچە يەنە بېشىنى تۆۋەن قىلىۋالدى.
چۈشلۈك تاماق سوۋۇپ قېلىپ ئىسستتىم، قۇياش نۇرىنىڭ ھارارىتى بار ئىشتاننى ئاخىرى قولۇمغا ئالدىم. دادام چىنىنى قولىغا ئېلىپ، تاماق يېگەچ: «ھەي، ئېنىق كۆرەلمەي قالدىم، بولمىغان بولسا سىز يەنە باشقىلارغا ئۆزگەرتكۈزۈۋېلىڭ»، دېدى.
«سىز تىككۈچى تۇرسىڭىز، مېنىڭ يەنە باشقىلارنى ئىزدىشىمنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟»، دېدىم مەن ئىشتاننىڭ پۇشقىقىنى ئاستاغىنا مەيدەمگە يېقىپ تۇرۇپ.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئىشتاننىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كىيگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى، لېكىن ئاشۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئىللىقلىق كاللامغا ئورناپ كەتتى، بۇ ئىللىقلىق دادامنىڭ مۇھەببىتىگە ئوخشاش، مەڭگۈ ئۆڭمەيدۇ.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى جىڭجياڭ شەھىرى شيېچياۋ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)