ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، تىيانشان ۋەنكې تۇرمۇش مەيدانىدىكى بوغۇرساق ئاشخانىسىدا «سىز كۆرسىتىڭ، مەن تەكشۈرەي، مۇلازىمەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزەيلى» يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ «يېمەك- ئىچمەك بىخەتەرلىكى»نى قوغدىدى.
دوستلىرى بىلەن بىللە تاماق يېگىلى كەلگەن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى چېن يەنيەن مۇنداق دېدى: «ناشتا قىلغىلى كەلگەنىدىم، خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ خاتىرجەم بولدۇم، ھازىر كۆپچىلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، مېنىڭچە، بۇنداق ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تىجارەتچىلەرنى نازارەت قىلغىلى بولىدۇ».
پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى توردا «2024- يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە <سىز كۆرسىتىڭ، مەن تەكشۈرەي، مۇلازىمەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزەيلى> پائالىيىتى (1- سان)» تەكشۈرۈش سوئال قەغىزىنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىپ، كەڭ ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان يېمەكلىك تۈرلىرىنى رەتلەپ چىقتى.
تەكشۈرۈش خادىملىرى سوئال قەغىزى نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئاشخانىنىڭ قاچا- قۇچىلىرىدىن ۋە يېڭىدىن پىشقان بوغۇرساقلاردىن نەق مەيداندا ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەۋرىشكىسىنى نەق مەيداندا تىزىملاپ پېچەتلىگەندىن كېيىن، كەسپىي تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاپىرىپ بەردى.
ئارقىدىن بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى بەش تۈركۈم قېتىم قانات يايدۇردى، ئارىلاپ تەكشۈرۈش دائىرىسى ئاساسلىقى بوغۇرساق، پىلتە قۇيماق، مانتا، خۇاجەر، موما قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، «مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش تەپسىلىي قائىدىسى (2024- يىل نەشرى)» بويىچە ئەۋرىشكىلەرگە قارىتا نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى خەۋپ- خەتەرنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى 20- 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە چىقىدۇ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئورگان تەرەپ تور بېكىتى ۋە ئورگان تەرەپ ئاممىۋى سۇپىسىدا سىرتقا ئېلان قىلىنىدۇ، يەنە دۆلەتنىڭ ئارىلاپ تەكشۈرۈش سۇپىسىغا ۋاقتىدا كىرگۈزۈلۈپ، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىنىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ شۈەن)