كارخانىنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى بار، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر مۇۋاپىق ئىش ئورنى تېپىشنى ئويلايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ، ئېھتىياجنى تېگى- تەكتىدىن ئېنىقلاپ، مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تەمىنلىگۈچى تەرەپ بىلەن ئېھتىياجلىق تەرەپنىڭ يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بەردى.
12- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ 1- قەۋەت زالىدا ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلار مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، 34 كارخانا 795 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭ جىنشېڭ خۇڭچياۋ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى، يېڭى فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىگە ماكانلىشىپ، بۇ قېتىمقى مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى تاشقى سودا خەلقئارا كەسىپ دىرېكتورلۇقى، رۇس تىلى تەرجىمانلىقى، تاشقى سودا بوغالتىرلىقى، تاموژنىغا مەلۇم قىلغۇچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
شىركەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مەسئۇلى فېڭ شۇخۇەن مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى كارخانىمىزغا كېلىپ ئېھتىياجىمىزنى ئىگىلىدى، بىز ئۇلارغا شىركەتنىڭ بىر قىسىم ئىش ئورنىغا ئەمەلىي ئادەم ئىشلىتىدىغان جاينىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە قەشقەردە ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلىش بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈمىدىمىزنى بىلدۈردۇق، ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى كەچتىلا خىزمەتچى خادىملار ماڭا قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە قەشقەردىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ بەردى. شىركەت ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى شىركەتكە قوبۇل قىلىشنى ئۈمىد قىلغانىدى، خىزمەتچى خادىملار مېنى بۈگۈنكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، نەق مەيداندا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەردىن خىزمەت ئىزدەۋاتقانلارمۇ كۆپ ئىكەن، بەش نەپەر خىزمەت ئىزدىگۈچى يېقىندا يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى».
شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلار بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئالاقىدار رايون (ناھىيە)لۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېقىنقى مەزگىللىك مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى پىلانىنى تۈزدى ھەم «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى. پۈتۈن شەھەرىكى ھەر دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى شەھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ كارخانىلارنى دائىملىق زىيارەت قىلىش، رايون (ناھىيە) تەۋەلىكى بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش، تۆت دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق «ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلار تىزىملىكى» ۋە «ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت مەسىلىلىرى، ئېھتىياجى تىزىملىكى»نى تۇرغۇزۇپ، كارخانىلارنىڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى جەھەتتىكى ئېھتىياجى ۋە مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىگە ئاساس سالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى توردا كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى تەشۋىق قىلدى، جۈملىدىن شىنجاڭ 365 ئىختىساسلىقلار تورى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى ئۇچۇر سىستېمىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى، تىجارەت خاراكتېرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىق سۇپىلار ھەمدە تۆت دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىغا تايىنىپ، مەھەللە ئاھالىلەر توپى، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر مۇلازىمەت توپى، ئالىي مەكتەپلەر مۇلازىمەت توپى، تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، ۋېيشىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «نۇقتىدىن نۇقتىغا» دەل جايىدا يەتكۈزۈپ، ئۇچۇرلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنىڭ دەل جايىدا ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ قېتىمقى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدىكى كارخانىلار ئوتتۇرىغا قويغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى شەھەرلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن پائال ماسلىشىپ، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى قاتنىشىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلدى، نەق مەيداندا 199 ئادەم (قېتىم) كارخانا بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 86 كىشى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي.
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدىكى كارخانىلارغا قارىتىلغان بەش مەيدان مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، 221 كارخانىنى قاتناشتۇرغان، كارخانىلار 4405 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، دەسلەپكى قەدەمدە 643 ئادەم (قېتىم) ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلغان. كېيىنكى قەدەمدە پۈتۈن شەھەردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى دائىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئاساسىدا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدىكى كارخانىلارنى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى، لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشقا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كارخانىلار بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلار ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار زاپىسىنى كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە سىڭىشىپ كىرىشىگە كۈچ قوشىدىكەن. (مۇخبىر شى چۇەنجى)