ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ياش ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جابدۇقلىرى بازارلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى.
ئائىلە بېزەكچىلىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى بويىچە «يېڭىلاش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى جەمئىي 17 كارخانىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جابدۇقلىرىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، قاتناشقان تۈرلەر كۆزىتىش- ئۆلچەش قول سائىتى، كۆزىتىش- ئۆلچەش بىلەزۈكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېكامېرا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىنلىق قۇلۇپ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىر قىسىم دۇكانلاردا يەنە خاتىرە كومپيۇتېر، ئاقىل ئېكران قاتارلىقلار ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا «دۆلەت ياردەم پۇلى» بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
جاۋ لىجيې 12- ئاينىڭ 4- كۈنى CCMALL دەۋر مەيدانىدىكى خۇاۋېي يان تېلېفون دۇكىنىغا كېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭمۇ سىياسەت ياردەم پۇلى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن تەپسىلىي ئەھۋال ئىگىلىدى.
دۇكان خىزمەتچىسى ۋاڭ جيەنخاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سېتىلىش باھاسى 2988 يۈەن بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش- ئۆلچەش قول سائىتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ قان بېسىمى، قان شېكىرىنى كۆزىتىش- ئۆلچەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، سىياسەت ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىنكى باھاسى 2539.8 يۈەن. سىياسەت ياردەم پۇلىنىڭ قوللىشى بىلەن، دۇكاندىكى قىسمەن مەھسۇلاتلارغا دۇكان باھادا ئېتىبار بېرىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يەنە ھۆكۈمەت ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ».
شىنجاڭ خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىش چەكلىك شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جاڭ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە، دۇكانلارنىڭ سېتىش سوممىسى ئىلگىرىكى ئاساستا %20 ئاشتى. تور دۇكىنى ياكى تور سىرتىدىكى دۇكانلاردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، بۇ ئېتىباردىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، ئالاقىدار ئىلتىماس قىلىش سۇپىسىغا چىقىپ پۇلنى بىۋاسىتە كېمەيتكىلى بولىدۇ».
شۇ كۈنى مۇخبىر ئۈرۈمچى جۇڭسەن يولىغا جايلاشقان شياۋمى ئائىلىسى جۇڭسەن يولى دۇكىنىغا كەلدى، بۇ يەردە چوڭى تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچتىن كىچىكى توكلۇق قازان، تېلېكامېرا قاتارلىق مەھسۇلاتلارغىچە ھەممىسىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن.
خۇاچۇاڭ مىيوۋ شىركىتىنىڭ دىرېكتورى لى يۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: «دۇكاندا دۆلەت ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %20 ئېتىبار بېرىلىدۇ، ياشلار ياخشى كۆرىدىغان بىر يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جابدۇقلىرىنىڭ باھاسى 20 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4000 يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ».
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى كۆپ تارماق بىلەن بىرلىشىپ ئائىلە بېزەكچىلىكى ئىستېمال بۇيۇملىرى بويىچە «يېڭىلاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قوللىغان بولۇپ، ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى كونا ئۆيلەرنى بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى قىسمەن ئۆزگەرتىش، ئۆينى ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم ۋە ماتېرىيالنى سېتىۋېلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە جابدۇقلىرىدىن ئىبارەت تۆت يۆنىلىش، 49 خىل تىپتىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سودىگەرلەرنىڭ بارلىق ئېتىبار باھاسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى سېتىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە بىر قېتىمدىلا كېمەيتىشتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، ھەربىر ئىستېمالچىغا ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتتىن بىرىگە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇل 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ لىنا)
12- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش سارىيى (دەۋر مەيدانى دۇكىنى)دا خىزمەتچى ئىستېمالچىغا خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېتىبار ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىنى چۈشەندۈرمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى دىلنار جارقىن فوتوسى)