ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە كۈچ قوشۇلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى) يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رېن يۈەنشىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بىراك قىلغاندا بېرىلىدىغان بىر قىسىم ياردەم پۇلى ۋە يېڭىلىغاندا بېرىلىدىغان بىر قىسىم ياردەم پۇلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، يەنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەر پەقەت كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلسىلا ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئەگەر كومبايىن، سېيالكا، شال تىكىش ماشىنىسى قاتارلىق كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئوخشاش تۈردىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا- سايمانلىرىنى سېتىۋالسا، بىراك قىلىش ياردەم پۇلى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.
يېڭى ماشىنا- سايمانلارنى سېتىۋالغاندا بەھرىمەن بولىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىمۇ ئالاھىدە زايوم مەبلىغى ئارقىلىق يېڭىلاش ياردەم پۇلى شەكلىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەرگە تېز تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھازىر بۇ خىزمەت سىجىل ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.
رېن يۈەنشىن مۇنداق دېدى: پۈتۈن شەھەر بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىككى كارخانا بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىۋېلىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلىتىدىغان ئائىلىلەر كونا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ، يىغىۋېلىش كارخانىلىرىغا سېتىپ بەرگەندىن كېيىن، بىراك قىلىپ يىغىۋېلىش كارخانىسى ماشىنا ئىگىلىرىگە «بىراك قىلىنغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يىغىۋېلىشنى بېكىتىش جەدۋىلى»نى تارقىتىپ بېرىدۇ، ماشىنا ئىگىلىرى بۇ جەدۋەلگە ۋە سالاھىيەت ئىسپاتىغا ئاساسەن ئۆزى تۇرۇشلۇق رايون (ناھىيە)لۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. (مۇخبىر جياڭ بىنۋېي)