12- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونىدا رەسمىي ئېچىلدى.
ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا، مۇخبىر ئۈرۈمچى خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسىدە دېلو تۇرغۇزۇش بۆلۈمى، تەرەققىيات بۆلۈمى، قاراپ چىقىش بۆلۈمى، تەكشۈرۈش بۆلۈمى، ئۇنىۋېرسال بۆلۈمدىن ئىبارەت بەش تارماقنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى، ئىچىگە كۈتۈۋېلىش كۆزنىكى، دېلو تۇرغۇزۇش زالى، سۆھبەتلىشىش ئۆيى، كېسىم سوتى، كېڭىشىش ئۆيى، مۇرەسسە ئىشخانىسى، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى كۆردى.
ئۈرۈمچى كېسىم كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى فاڭ چياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى كېسىم كومىتېتى بۇ يىل 7- ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇلۇشى ھەمدە ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا دوكلات قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىشى بىلەن، 10- ئايدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونىغا ئومۇميۈزلۈك ماكانلاشتى.
فاڭ چياڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن قانۇن ئىشلىرى رايونىدا ئۈرۈمچى خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، ئۈرۈمچى كېسىم كومىتېتىنىڭ خەلقئارالىشىشقا قاراپ ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈرۈمچى كېسىم كومىتېتى قانۇن ئىشلىرى رايونىغا ماكانلاشقاندىن بۇيان، نەق مەيداندا دېلو تۇرغۇزۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغانلاردىن 270 تۈركۈم (قېتىم)نى كۈتۈۋالدى، ھەق تاپشۇرۇپ تۇرغۇزۇلغان دېلودىن 141نى ئەنگە ئالدى، 145 مەيدان سوت ئېچىپ، 132 دېلونى ئاخىرلاشتۇردى، دېلوغا ئالاقىدار 500دىن ئارتۇق ئادەم (قېتىم)نى كۈتۈۋالدى».
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر تەن لېي ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى كېسىم كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىشلىرى رايونىغا ماكانلىشىشى ۋە ئۈرۈمچى خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنىڭ ئېسىلىشى ئۈرۈمچى كېسىم كومىتېتىنىڭ يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، يېڭى تەرەققىياتنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كېسىم ئىشلىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مياۋ لۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش ئۈرۈمچىنىڭ كېسىم، قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىگە، تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات سۇپىسىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، مۇھىت ئەۋزەللىكى، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، <ئۈرۈمچى كېسىم تەجرىبىسى> ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن نەزەر دائىرە، تېخىمۇ دەل جايىدا ئورۇن بېكىتىش ئارقىلىق ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارنى يۇقىرى سەۋىيەلىك، خەلقئارالاشقان كېسىم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى، قانۇنچىل تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، مەركىزىي شەھەر ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن». (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا )