شىنجاڭ بويىچە تۇنجى چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش ئاپتوماتىك تېرمىنالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
16:57:02 2024-12-06 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

چېگرا سىرتىدىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا «چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش» كەسپىنى تېز بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىلدى

 12- ئاينىڭ 4- كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئوتتۇرا بېكەتتە ئالمىشىپ ئاستانىگە بارماقچى بولغان يولۇچى گۆھەر دونىيازوۋا مۇنداق دېدى: «مەن شاڭخەيدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكاندىن ئۈنچە- مەرۋايىت، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋالغانىدىم، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققاندا، ئاپتوماتىك تېرمىنالدا 15 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتىلا <چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش> كەسپىنى بېجىرىپ بولدۇم، قايتۇرۇلغان باج پۇلى دەرھال ھېساباتىمغا كىردى، ناھايىتى قولايلىق ئىكەن».

 چېگرادىن ئۆتكەندە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش «دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، «جۇڭگو ساياھىتى» سىجىل قىزىۋاتىدۇ، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقىمۇ سىجىل ئاشتى.

 ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى دۆلەتنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، دىققەتنى چېگرا سىرتىدىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان سەپەر قىلىش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش مۇلازىمىتى تەدبىرلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە باشلامچىلىق بىلەن چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش ئاپتوماتىك تېرمىنالىنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا كىرگۈزدى ھەم رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى.

 چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش سىياسىتى كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن يولۇچىلار چېگرادىن ئايرىلىش پورتىدا چېگرادىن ئايرىلغاندا، باج قايتۇرۇلىدىغان دۇكاندىن سېتىۋالغان باج قايتۇرۇلىدىغان بۇيۇمنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى قايتۇرۇش سىياسىتىنى كۆرسىتىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى يولۇچىلار پاسپورت قاتارلىق ئۆزىنىڭ كۈچكە ئىگە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، تاموژنا تەكشۈرۈش تامغىسى، چېگرادىن ئايرىلغاندىكى باج قايتۇرۇش ئىلتىماس تالونى، بۇيۇم سېتىۋالغاندىكى تالونغا ئاساسەن چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش نۇقتىسىدا قوشۇلما قىممەت بېجىنى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

 «چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش» ئاپتوماتىك تېرمىنال كەسپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، چېگرا سىرتىدىن كەلگەن يولۇچىلارنىڭ قايتۇرۇلغان باج سوممىسىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئايروپورت تاموژنىسى باج قايتۇرۇشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ بېجىرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى رەتلەپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، كەسىپ بېجىرىش، باج قايتۇرۇش بويىچە راسچوت قىلىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ئەھۋاللارنى ھەرىكەتچان كۆزىتىپ- ئۆلچەپ، چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنىڭ راۋان، توسالغۇسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش ئاپتوماتىك تېرمىنالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش كەسپىدىن جەمئىي 17سى بېجىرىلدى، تاۋار سودا سوممىسى 309 مىڭ 561 يۈەنگە، ئىلتىماس قىلىنغان باج قايتۇرۇش سوممىسى 34 مىڭ 51 يۈەن يەتتە مو ئۈچ پۇڭغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە پورتىدىكى چېگرادىن ئايرىلغاندا باج قايتۇرۇش مۇلازىمىتى ئەقلىيلىشىش، قولايلىشىشقا قەدەم قويدى.

 ئايروپورت تاموژنىسى تەكشۈرۈش 1- بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پەرھات تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئايروپورت تاموژنىسى مەخسۇس يېتەكلەش بەلگىسى ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، يولۇچىلارغا ھەر تەرەپلىمە مەدەت ۋە ياردەم بەردى، يولۇچىلار مال سېتىۋېلىش تالونىنى، پاسپورت قاتارلىق ئالاقىدار كىنىشكىلىرىنى ساۋما قىلسىلا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ، باج قايتۇرۇش سوممىسىنى ھېسابلاپ بېرىدۇ، باج قايتۇرۇش ئىلتىماسى تېز سۈرئەتتە تاماملىنىدۇ.

 بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ- چىققان يولۇچى 511 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %106.6 ئاشتى. ئايروپورت تاموژنىسى چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچىلار سانىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا قارىتا، چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچىلارغا يۇقىرى ئۈنۈمدە مۇلازىمەت قىلىدۇ. (مۇخبىر لى نىڭيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125