12- ئاينىڭ 1- كۈنى، خوتەن يۈجيەن جياڭلەي سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەڭشەلگەن بېلىق يېمىنى بېلىق كۆلچىكىگە سالماقتا.
خوتەن يۈجيەن جياڭلەي سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى چامغۇرلۇق كەنتىدە يېڭىدىن 56 زامانىۋى باقمىچىلىق كۆلچىكى ياسىغان بولۇپ، يېڭىدىن قويۇپ بەرگەن 60 مىڭدىن ئارتۇق بېلىجاننىڭ 2025- يىلى 4- ئايدا بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە، ئۇلارنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 50 مىليون يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ناھىيەسى شۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، نەزەرىنى قۇملۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ يېپيېڭى ساھەگە قارىتىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كارخانىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ)
خوتەن يۈجيەن جياڭلەي سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
خوتەن يۈجيەن جياڭلەي سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بېلىق كۆلچىكىنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرمەكتە.
خوتەن يۈجيەن جياڭلەي سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئوكۇن بېلىقى تۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
خوتەن ۋىلايەتلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى خوتەن يۈجيەن جياڭلەي سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، تورداشلارغا شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەۋسىيە قىلماقتا.