ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي
«بالام، تۇخۇم تېخى ئىسسىق، يېگەچ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىڭ». سوغۇق كېچىدە چەرچەن ناھىيەسىنىڭ چوڭكۆل يېزىسى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۇيۇقسىز نۆلدىن تۆۋەن ئالتە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى، سۇڭ شياۋچاۋ كەنت ئاھالە كومىتېتى ھويلىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىۋاتقاندا توڭلاپ تىترەپ كەتتى. 68 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئەيسا رەجەپ بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال ئۈچ تال تۇخۇم پىشۇرۇپ كېلىپ ئۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ، مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭغا تاپىلىدى.
«بۇ ئۈچ تۇخۇمنى كۆرۈپ قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى! بۇ ئىللىقلىق مېنىڭ كەنت ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ». 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، سۇڭ شياۋچاۋ ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە ھاياجىنىنى باسالماي قالدى.
سۇڭ شياۋچاۋ ھەربىي سەپتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىر. 2022- يىلى 7- ئايدا، ئۇ ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىگە بېرىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. سۇڭ شياۋچاۋ كەنتكە يېڭى كەلگەندە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەنتتە 2750 مو چىلانلىق بارلىقى، يىللىق چىلان ھوسۇلىنىڭ 600 توننىغا يېتىدىغانلىقىنى، كۆلىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى بايقىدى.
«سەۋەبى سېتىش يوللىرى ۋە ئۇچۇر راۋان ئەمەس، سودىگەرلەرنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى تۆۋەن، چىلانچى دېھقانلار ھەر يىلى چىلان ئۆستۈرىدۇ، ئەمما كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس». 2023- يىلى 10- ئايدا، ئۇ نەزەرىنى تور سۇپىسىغا قارىتىپ، «كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى چىلان ساتتى» دوۋيىن نومۇرىنى تىزىملىتىپ، تور دۇكىنى ئېچىپ، كەنتنىڭ چىلانلىرىنى سېتىش ئۈچۈن يېڭى چىقىش يولى ئىزدىدى.
12- ئاينىڭ 4- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل يېزىسى ئوتتۇرا ئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇڭ شياۋچاۋ (سولدىن 2- كىشى) بىۋاسىتە كۆرسىتىپ چىلان ساتماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي فوتوسى
بۇ يىل 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، سۇڭ شياۋچاۋ دوۋيىندا رەسمىي بىۋاسىتە كۆرسىتىپ چىلان سېتىشقا باشلىدى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش باشلىنىپ بىر ئاي بولمايلا، ئۇنىڭ دوۋيىن مەستانىسى دەسلەپكى 500دىن 5000غا كۆپەيدى، «كەنت ياچېيكا شۇجىسى چىلان ساتتى» ئېلېكتىرونلۇق سودا كوللېكتىپى تەرەققىي قىلىپ 10 كىشىگە يەتتى. «ئەسلىدە بۇ يىل بىر توننا چىلان ساتالىسام مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىمەن دەپ ئويلىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ھازىر 12 توننا چىلان ساتتىم». سۇڭ شياۋچاۋ ناھايىتى خۇشال بولدى. ھازىر دەل چىلان سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى، ئۇ بىۋاسىتە سېتىش ئۆيىدە سېتىش ئۈچۈن، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەتتە توننا چىلىنىنى يىغدى.
سۇڭ شياۋچاۋ مۇنداق دېدى: مەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن خىزمەتنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كۈندۈزى ۋە ئاخشىمى نۆۋەت بىلەن بىۋاسىتە كۆرسىتىمىز. خېرىدارلار مۇلازىمىتىنى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىگە ئالدى، چىلان توشۇش، ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش، تالون چاپلاپ مال تارقىتىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرگە كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرى تولۇق قاتناشتى.
ۋاڭ چېڭ «كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى چىلان ساتتى» دوۋيىن نومۇرىنىڭ 2- نومۇرلۇق رىياسەتچىسى بولۇپ، ئۇ بايىنغولىن ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئىدى. توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ چىلان ساتقاندىن كېيىن، ئەزەلدىن كەم سۆز ۋاڭ چېڭ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلاندى. «مەن ئىلگىرى ئىدارىدە بەك ئاز گەپ قىلاتتىم، سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلسام بەك جىددىيلىشىپ كېتەتتىم. خىزمەتداشلىرىم مېنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ چىلان ساتقانلىقىمنى كۆرۈپ، بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى»، دېدى ۋاڭ چېڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.
كەنت ئاھالىسى قۇربان مۇسا ۋە باشقا ئۈچ كەنت ئاھالىسىمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا كوللېكتىپىنىڭ تايانچ كۈچىگە ئايلىنىپ، چىلاننى تاللاپ يەشىككە قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلارنى بەش قولدەك بىلىدىغان بولۇپ كەتتى. «بۇ ئىش يېنىك، ئازراقمۇ ھارمايمىز، بىر ئايدا يەنە 1500 يۈەن كىرىمىمىز بار». قۇربان مۇسا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇ پەقەت بىر باشلىنىش، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سۇڭ شۇجى بولسىلا، زاكاز بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، مېنىڭ كىرىمىم چوقۇم ئۆرلەيدۇ».
كەنت ئاھالىسى تۇردى غېنى ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكۈچى. «سۇڭ شۇجى ئائىلىمىزنىڭ چىلىنىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ھەر كىلوگىرامى سودىگەرلەرنىڭكىدىن 2 يۈەن يۇقىرى بولدى، ئىككى توننا چىلاندىن 4 مىڭ يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلدىم»، دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.
تېخىمۇ كۆپ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، سۇڭ شياۋچاۋ يەنە ۋاڭخۇڭنى كەنتكە تەكلىپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىگە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىملىرى ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ماھارىتىنى ئۆگەتتى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، سۇڭ شياۋچاۋ يەنە كەنت كادىرلىرى بىلەن كەسىپنى كېڭەيتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش جەريانىدا چەرچەننىڭ ئېگىزلىك خۇشبۇي سامسىقى، توشقان زەدىكى، قارا ئالقات قاتارلىق ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتماقچى بولدى. سۇڭ شياۋچاۋ مۇنداق بىلدۈردى: مېنىڭ مەقسىتىم مال سېتىش بولۇپلا قالماي، يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، كادىرلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، كەنتكە كېيىنكى تەرەققىيات كۈچىنى زاپاس ساقلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2023- يىلىدىن بۇيان، سۇڭ شياۋچاۋ يەنە كەنتنىڭ بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ ساپ سۇ پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى، كونا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ 2- قەۋىتىنى ئۆتەڭ مېھمانخانىسىغا ئۆزگەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئوتتۇرا ئېرىق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمىنىڭ 3000 يۈەن ئېشىشىدا گەپ يوق، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنىڭ 600 مىڭ يۈەنگە يېتىشىدىن ئۈمىد بار.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)