گۆشسىز تاماق يېسە ئادەمدە ئېنېرگىيە كەمچىل بولامدۇ؟
18:20:33 2024-12-06 تىيانشان تورى

 2024- يىلى پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشكىللىگۈچىلەر كۆپ خىل تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، مەسىلەن، ئولىمپىك كەنتىدە ئىشلىتىلگەن يىغىۋېلىشقا بولىدىغان كارىۋات، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، گۆشسىز تاماق بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشمۇ بىر يارقىن نۇقتا بولدى. پارىژ ئولىمپىك كەنتىدىكى ئاساسلىق ئاشخانا ئالتە غىزالىنىش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر كۈنى تەخمىنەن 50 خىل قورۇما بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ يېرىمى گۆشسىز تاماق بولدى.

 بەزى تورداشلار گۆشسىز تاماق يېسە ئادەمدە ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇپ قالارمۇ؟ دەپ سورىدى. پەن- تېخنىكا گېزىتى مۇخبىرى بۇ ھەقتە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

 «گۆشسىز تاماق چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، بېلىق، راك قاتارلىق ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان غىزالىنىش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي گۆشسىز تاماق، تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىك، سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىك، تۇخۇم- سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىك قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ». بېيجىڭ ئەنجېن دوختۇرخانىسى كلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى چېن تۇڭ شۇنداق تونۇشتۇردى: گۆشسىز تاماق يەيدىغانلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكى ئىنچىكە پىششىقلانغان گۈرۈچ، ئۇن، قارا ئاشلىق، دادۇر ۋە ئۇنىڭ ياسالمىلىرى، كۆكتات قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ.

 ئوخشاش بولمىغان گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەسىلەن، پۈتۈنلەي گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار ھايۋانات تۈرىدىكى بارلىق يېمەكلىكنى يېمەيدۇ، پەقەت دانلار، كۆكتات، مېۋە- چېۋە، شاكاللىق مېۋە ۋە پۇرچاق قاتارلىق ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىلا يەيدۇ. تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىك ياكى سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىك يەيدىغانلار گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ، توخۇ تۇخۇمى، بۆدۈنە تۇخۇمى قاتارلىق تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ياكى سۈت ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە چەك قويمايدۇ. تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئامىنو كىسلاتا ئەندىزىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئامىنو كىسلاتاسى ئەندىزىسىگە يېقىن بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل دەپ قارىلىدۇ. تۇخۇم- سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىك يەيدىغانلار گۆش يېمەيدۇ، تۇخۇم ۋە سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە چەك قويمايدۇ.

 چېن تۇڭنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئىلمىي ئوزۇقلانغاندا، پەقەت گۆشسىز تاماق يېسىمۇ ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ قىسىم ئېنېرگىيەنى قاندۇرغىلى بولىدىكەن. كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى، ياغ، ئاقسىل ئادەم بەدىنىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددا. كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئاساسەن دانلاردا، مېۋە- چىۋە، كىراخمال تۈرى، كۆكتاتلاردا بولىدۇ؛ ياغنىڭ كۆپ قىسمى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە بولىدۇ، لېكىن شاكاللىق مېۋە، كالا سۈتى، تۇخۇم، دانلار، پۇرچاق تۈرىدىمۇ ياغ بولىدۇ؛ ئاقسىلنىڭ كېلىش مەنبەسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ھايۋاناتلاردىنمۇ، ئۆسۈملۈكلەردىنمۇ ئاقسىل قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇخۇم، سۈت ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىل مىقدارىمۇ ناھايىتى مول بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ھېسابلىنىدۇ.

 شاڭخەي قاتناش داشۆسى مېدىتسىنا شۆيۈەنى، ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە شاڭخەي شەھىرىدە گۆشسىز تاماق يەيدىغان 282 كىشىنىڭ ئاقسىل ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ۋە بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۆشسىز تاماق يەيدىغانلارنىڭ كۈندىلىك ئومۇمىي ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىشى گۆشلۈك تاماق يەيدىغانلاردىن تۆۋەنرەك بولسىمۇ، لېكىن ئاقسىلنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىنىشىدە روشەن پەرق يوق ئىكەن. «بىراق، بىز غىزانى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلىمىز، يەنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، مەسىلەن، گۆش، تۇخۇم، سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، يەنە كۆكتات، مېۋە- چېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىمۇ ئىستېمال قىلىش كېرەك»، دېدى چېن تۇڭ.

 پايدىلانغان مەنبە: پەن- تېخنىكا گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125