راك كېسىلى نۆۋەتتە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىدىن قالسىلا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئىككىنچى چوڭ سەۋەب بولۇپ قالدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق، ھەتتا تەخمىنەن يېرىمدىن ئارتۇق راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ سەۋەبى تېخى تولۇق ئايدىڭلاشقىنى يوق، راك كېسىلى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئۆزئارا تەسىرىدىن كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئىرسىيەت ئامىلى، مۇھىت ئامىلى ۋە روھىي پىسخىكا ئامىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. %80 راك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مۇھىت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە نامۇۋاپىق غىزالىنىش، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ %35، %30 ۋە %10ىنى ئىگىلەيدۇ.
يېمەكلىك تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلىدىغان ۋە راكقا قارشى تۇرىدىغان ئامىللارغا قارىتا، يېمەكلىكلەرنى قانداق تاللاپ يېيىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
18:15:06 2024-12-06
تىيانشان تورى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义