ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
21:49:57 2024-12-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

  شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى بەرپا قىلىش مۇھاكىمە قىلىندى، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

  ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ھەم يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەبرىك سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى بەرپا قىلىش مۇھاكىمە قىلىندى، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.    

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى تېز ئۆستۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك. «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» ۋە «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى چۆرىدەپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، پەن- مائارىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ماركسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ھەم 2024- يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سىنلىق تەبرىك سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» توغرىسىدىكى تەتقىقات ۋە ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، بايلىق ۋە كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھېسابلاش كۈچى كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش- ئورۇنلاشتۇرۇش، زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.                   

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تور بىرلىك سەپ خىزمىتىنى پائال پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. دىن خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، قانۇن بويىچە دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدا كۆپ خىل دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولىدىغان خاس، ئەۋزەل، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى كۆزلەپ، ئەسلىدە بار بولغان كەسىپ توپىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش- پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە- كۆكتات، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى جايلار چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە پىلانلاپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر يولى، نىشان، ۋەزىپە- تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ماددىي ئاساسى ۋە كەسىپ تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى، شىنجاڭنىڭ مەمۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايوندىكى تارماقلار باشقۇرىدىغان نازارەت دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە نۆۋەت ئالماشتۇرۇش، «ئۈچ يېڭى» ساھەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەم ۋە سىياسىي تەلەپنى چىڭىتىپ، قوشۇن قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساپا- ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەشكىلىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتى تەسىس قىلىش ۋە قەرەلىدە نۆۋەت ئالماشتۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ «ئۈچ يېڭى» ساھەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى يېڭى تەشكىلاتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىنىڭ خىزمەت ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125