ما شىڭرۇي، جۇمانغارىن، چيۇ يىڭخۇا سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
12- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ، شياڭگاڭ) −− قازاقىستان ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ، جۇڭگو شياڭگاڭ قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا، ئىككى دۆلەت ئۈچ جاينىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى چۆرىدىلىپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو − قازاقىستاننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئورتاق مۇلازىمەت قىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەرلىكنىڭ كۈچى قوشۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جۇمانغارىن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سودا ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چيۇ يىڭخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.
بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ۋە 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە قىلىپ، شياڭگاڭ بىلەن بىرلىكتە قازاقىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى پائال پىلانلاپ، بىرلىكتە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور بوشلۇقنى كېڭەيتتى. شياڭگاڭ ۋە قازاقىستان تەرەپنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلدى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە جۇڭگو شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قازاقىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويۇلغان جاي، شياڭگاڭ يەرشارىغا تونۇلغان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سودا، دېڭىز تىرانسپورت ۋە يېڭىلىق يارىتىش پەن- تېخنىكا مەركىزى، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇپ، ھەممىسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن. ئىككى دۆلەت ئۈچ جاينىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىش رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، بىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش يېڭى ئەندىزىسىگە سىڭىشىشىمىزنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دائىملاشقان ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، ئۆزئارا پايدا- مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قاتناش - ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ، شياڭگاڭ) بىلەن قازاقىستان يەرلىكلەر ئارا يۈك يىغىش- توشۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈك تىرانسپورتى، يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت، ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئۈچ جاينى تۇتاشتۇرىدىغان ساياھەت لىنىيەسىنى ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىلغار داۋالاش تېخنىكا بايلىقىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
جۇمانغارىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، قازاقىستان جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش بوشلۇقى كەڭ. بۇ قېتىم قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭ، جۇڭگو شياڭگاڭ بىلەن بىرلىكتە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى مەنزىل ئاچتى، بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. ئىلغار تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قازاقىستان − جۇڭگو شىنجاڭ − جۇڭگو شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىش ۋە يۈك تىرانسپورت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ چوڭ بازار بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە يېمەكلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكى، جۇڭگو شياڭگاڭ بىلەن بولغان بايلىق باشقۇرۇش جەھەتتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. چېگرا ھالقىغان ساياھەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو شياڭگاڭ ۋە گۇاڭدۇڭ − شياڭگاڭ − ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
چيۇ يىڭخۇا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شياڭگاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى، مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» فۇنكسىيەلىك سۇپا بەرپا قىلىش، يېشىل تەرەققىيات ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، خەلقئارا قانۇن مۇلازىمىتى ھەم تالاش- تارتىشلارنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىزچىل تۈردە جۇڭگونىڭ ئىچكى رايونلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئارىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك بولۇپ كەلدى. قازاقىستاننىڭ جۇڭگو شىنجاڭ، شياڭگاڭ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتنىشىش جەريانىدىكى بىر - بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالاقىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىق جەريانى، شياڭگاڭنىڭ دۆلەت ھەم رايوننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچى بار، شۇنداقلا ئىقتىدارى بار.
يىغىندىن ئىلگىرى، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز جۇمانغارىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ ھازىرقى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق قارىدى: ھەمكارلىق تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم پۇرسەت مەزگىلىنى ئورتاق ئىگىلەپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى بېيىتىپ، ھەمكارلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو − قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى، ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسىنى بىر قاتلاش يېڭى نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.
قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ئالاقىدار تارماقلىرى، ئوبلاست، شەھەرلىرى، كارخانا ۋە جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ياڭ شيۇلى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى، قانۇن چىقىرىش كېڭىشى ۋە ئالاقىدار جەمئىيەت، كارخانا ۋەكىللىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ۋىلايەت، شەھەر، كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.