خۇڭ چى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، ئۈرۈمچىدە ئىككى جايدىكى ئائىلىلىكلەر قورۇسىنى ئەڭ پىششىق بىلەتتىم، بىرى، مەن تۇرۇۋاتقان ليۇداۋاندىكى بىڭتۇەن 4- قۇرۇلۇش شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسى، يەنە بىرى، ياڭزىجياڭ يولىدىكى شىنجاڭ گېزىتخانىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىدى.
ئۇ چاغدا ليۇداۋان شەھەر ئەتراپىغا تەۋە بولۇپ، شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا بېرىش شەھەرگە كىرگەنلىك ھېسابلىناتتى.
گېزىتخانىدىكى بىر دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، كىشىلىك ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى مۇخبىر بىلەن تونۇشتۇم. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار كىشىلىك ھايات يولۇمنى ئۆزگەرتتى.
ئۇلارنىڭ بىرى، شۇ چاغدا ئەدەبىيات- سەنئەت خەۋەرلىرىگە مەسئۇل جاۋ شىچيەن مۇئەللىم ئىدى. 1992- يىلى 8- ئاينىڭ بىر كۈنى، مەن شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ خىزمەت بىناسىغا ئۇنى يوقلاپ باردىم. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا نام چىقارغان جۇڭگو تەيۋەنلىك ناخشا چولپىنى چى چىن ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدى، ئۇنىڭ ۋاڭ لوبىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكۈسى بولسىمۇ، لېكىن ئالاقىلىشىش يولى بولمىغاچقا، مەندىن ياردەم سورىدى. دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جاۋ شىچيەن مۇئەللىمنى ئىزدىسەم، ئۇ ماڭا ياردەم قىلالايدىكەن.
ئۇ چاغدا، شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ خىزمەت بىناسى سوۋېت ئۇسلۇبىدىكى كۆركەم بىنا بولۇپ، ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغانىدى، بىنا ئىچىگە ياغاچ پول ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ماڭسىڭىز غىچ- غىچ ئاۋاز چىقاتتى، مەندەك بىر سەھرالىق بۇنىڭدىن تولىمۇ مەدەنىيلىك ھېس قىلغانىدىم.
جاۋ شىچيەن مۇئەللىم ئارقىلىق، مەن يەنە «غەربىي قىسىم ناخشا شاھى» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى لى خۇا بىلەن تونۇشتۇم، ئۇ مېنى ۋاڭ لوبىن ئەپەندىگە تونۇشتۇردى. شۇنداق قىلىپ، مەن چى چىننى ئېلىپ ۋاڭ لوبىن ئەپەندىنى يوقلاپ باردىم. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ فوتو سۈرەت مۇخبىرى لۇ مىنيى مۇئەللىم بىزگە ياردەم قىلىپ شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ قىممەتلىك سۈرىتى ۋە ئوپچە سۈرىتىنى تارتىپ قويدى. دەل شۇ چاغدا، مەن مۇزىكانت بولۇشقا بەل باغلىغانىدىم.
شۇنىڭدىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان ئالاقەم تەدرىجىي كۆپەيدى، بىكار بولساملا بارىدىغان بولدۇم. چۈنكى بۇ قورۇدا نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك كىشىلەرنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.
يەنە بىرى بېييې مۇئەللىم ئىدى. 2002- يىلى، مەن گىتارنى ئېسىپ، ئۇدۇل شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ ئېگىز قەۋەتلىك خىزمەت بىناسىدىكى نەزەرىيە ئەدەبىيات- سەنئەت بۆلۈمى ئىشخانىسىغا كىرىپ، «شائىر بېييې مۇشۇ ئىشخانىدىمۇ؟» دەپ سورىدىم، بىرەيلەن بوم ئاۋازدا: «مەن بار، نېمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟» دەپ جاۋاب بەردى، مەن: «سىزنىڭ <يۇرتقا قايتىش يولى> ناملىق شېئىرىڭىزغا مۇزىكا ئىشلىگەنىدىم، ئېيتىپ بېرەي، ئاڭلاپ بېقىڭ» دېدىم.
بېييې مېنى گېزىتخانا ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۆيىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئۇ بىر نەچچە نان سېتىۋېلىپ، زاكۇسكا قىلىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئىچكەچ پاراڭلىشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ ماڭا بىر پارچە ناننى سۇنۇپ: «ئاۋۋال يەۋېلىڭ، ئاندىن ھاراق ئىچكەچ ناخشىڭىزنى ئاڭلايلى!» دېدى.
ناننىمۇ يېدىم، ھاراقنىمۇ ئىچتىم، ئاندىن گىتارنى قولۇمغا ئېلىپ، «سېنىڭ يۇرتۇڭ، مېنىڭ يۇرتۇم بىر يۇرت ئەمەسمۇ، سېنىڭ ھۇجراڭ، ئۈزۈم تېلىڭ ۋە ئاسماندىكى ئېيىڭ مېنىڭ گۈزەل ماكانىم ئەمەسمۇ...» دەپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدىم. ئۇ كۈنى مەن بۇ ناخشىنى 20 نەچچە قېتىم ئېيتتىم، بىز شېئىر، مۇزىكا توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق، ئاشۇ گۈزەل كېچە كىشىلىك ھاياتىمدا شېئىر بىلەن ناخشىنى تۇتاشتۇردى.
«يۇرتقا قايتىش يولى» كېيىن مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدا كۆپ قېتىم ئاڭلىتىلدى، جۇڭگو خەلق داشۆسى تەرىپىدىن «يۇرتۇمنى سۆيىمەن» يېزا- كەنت باش تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ناخشا بولۇپ باھالاندى، يەنە جۇڭگو پاختىچىلىق جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ پاختىسىنى تەشۋىق قىلىشىدىكى ئاساسىي ناخشا بولۇپ قالدى.
بۇلتۇر، مەن تېكىستىنى يازغان ھەم مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن «ئاشۇ نۇر» ناملىق ناخشا چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 31- نۆۋەتلىك دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كېڭەيتىلىدىغان مۇزىكىلار توپلىمى (ئارزۇ قىسمى)غا كىرگۈزۈلدى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ياش مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ مەن بىلەن ئالاقىلەشتى، مەن بۇ ناخشىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم. ئۇ يېزىق ئارقىلىق بۇ ھېكايىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بەردى. مەنمۇ ئىلگىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «ئانار سۆھبىتى» پىروگراممىسىدا زىيارەت قىلىنغاندا، رىياسەتچى بىلەن مۇزىكا ھەققىدىكى غايەم توغرىسىدا كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشقانىدىم ھەم ئانار سۇپىسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، مۇزىكا ئەسەرلىرىم ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ، مۇزىكا ھېكايىلىرىمنى ھەمبەھرىلىدىم.
بەزىلەر مۇنداق دېدى: «ئاشۇ نۇر» ناملىق ناخشىنى ئاڭلىسىڭىز، خۇددى قارلىق تاغ ئېتىكىدە، ئۆسمۈرلەرنىڭ ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ ئاتنى قامچىلاپ ئۇچقاندەك چېپىپ، ئۆزىگە تەۋە ئاشۇ نۇرنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئىللىقلىق ھەم كۈچ- قۇۋۋەتكە تولغانلىقىنى كۆرگەندەك بولىسىز. شىنجاڭ گېزىتى خۇددى مۇزىكا يولۇمدىكى «بىر دەستە نۇر»غا ئوخشاش ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى.
(ئاپتور: شىنجاڭلىق مۇزىكانت)