«ئاشلىق رېتسېپى» يېزىش
11:03:32 2024-12-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «ئاشلىق رېتسېپى» يېزىش

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

 شىنجاڭ ئاشلىقى بۇ يىل كۆپ قېتىم قىزىق نۇقتىلىق تېما بولدى. ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئەسلىدىكى قۇرغاق، قاقاس جاي دېگەن تەسىردىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ «بېلىق، گۈرۈچ ماكانى» بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى.

 كۈزگى بۇغداينىڭ يۈز مولۇق، مىڭ مولۇق، ئونمىڭ مولۇق كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىدا ئۇدا مەملىكەت بويىچە بىرىنچى بولۇش رېكورتى يارىتىلدى؛ يازغى بۇغداينىڭ مەملىكەت بويىچە يۈز مولۇق كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىدا رېكورت يارىتىلدى؛ قوناقنىڭ مەملىكەت بويىچە يۈز مولۇق، مىڭ مولۇق، ئونمىڭ مولۇق، يۈز مىڭ مولۇق، بىر مىليون مولۇق كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلىدا رېكورت يارىتىلدى ھەم مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن مىليون مو دەرىجىلىك قوناق «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى» بەرپا قىلىندى...

 بۇلتۇر ئاشلىق ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 20 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى، تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە رەت تەرتىپتە 1 - ئورۇندا تۇرغاندىن كېيىن، 2024 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىدە يەنە مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يارىتىلىپ، تولۇق رېكورت يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». جۇڭگونى كىم باقىدۇ؟ بۇ، پۈتۈن دۇنيا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە.

 دۇنيانىڭ بۇ سوئالى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جاراڭلىق، كۈچلۈك بولدى: «بىزنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىرادىمىز بار».

 پۈتۈن مەملىكەت قۇرۇقلۇق كۆلىمىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، «جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مۇساپىگە قاتناشماسلىققا ھېچقانداق ئاساس يوق.

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»دە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسىلىق ئورنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ھەم شىنجاڭغا بولغان سەمىمىي ئۈمىد، ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم پۇرسەت.

 ئۇدا ئىككى يىل ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا يارقىن نەتىجە قەغىزى تاپشۇرغان شىنجاڭدا يەنە بوشلۇق بارمۇ؟ تولۇق رېكورت يارىتىلغاندىن كېيىن قانداق قىلىپ يېڭى «ئاشلىق رېتسېپى» يېزىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۆپرەك شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يېڭى تېما بولۇپ قالدى.

 يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش: 

 «يەككە بۆسۈپ كىرىش» دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى

 پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلىغاندا، شاھمات ۋەزىيىتى دەرھال جانلىنىدۇ.

 دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتا، ئالدى بىلەن ئۆزىدىكى قاتمال تونۇش ۋە ئورۇن بېكىتمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك.

 مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومېتىتى ۋە ھۆكۈمەت ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى «ئاپتونوم رايون ئىچىدە تەڭپۇڭ بولۇش، بىرئاز ئېشىنچا بولۇش»تىن «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە تەڭشەپ، «كۆلەمنى كېڭەيتىش، بىرلىك ھوسۇلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇمىي ھوسۇلنى كۆپەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش» خىزمەت پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتتى.

 ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ھەم يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال سەۋىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، ھەم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى ئېلىپ كەلگەن تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ بايلىقى چەكلىمىسىگە ئىلمىي تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

 ئومۇملۇق بويىچە پىلانلىنىپ، ئىنچىكە ھالقىلار بويىچە يولغا قويۇلدى. شىنجاڭ ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 35 ناھىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىغا تايىنىپ، مۇنبەت ئېتىز، ئەلا سورت، ياخشى پۇرسەت، ياخشى ئۇسۇللارنى توپلاپ ۋە كېڭەيتىپ، «كۆپ خىل تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ھوسۇلنى تەكشى ئاشۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق ئارقىلىق ھوسۇلنى ئاشۇردى.

 يېقىنقى ئىككى يىلدىكى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇغداي بىرلىك ھوسۇلى ئۇدا ئالتە يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، 2024 - يىلى ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 394.77 كىلوگىرامغا يەتكەن؛ قوناقنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى ئىزچىل پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىدا ماڭغان بولۇپ، 2023 - يىلى 612.77 كىلوگىرام\موغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى روشەن ئالاھىدىلىك قىلغان ئاشلىق ھوسۇلىنى تەكشى ئاشۇرۇش مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولۇپ قالدى.

 لېكىن سانلىق مەلۇماتنى تىك يۆنىلىشلىك سېلىشتۇرۇشتىن قارىغاندا، شىنجاڭدا بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى نۆۋەتتە يەنىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 399.1 كىلوگىرام \مولۇق ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولۇپ، قوناقنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى بىلەن يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بىر ھەسسىدىن ئېشىپ، بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلىدا ئىلغار ئۆلكىلەر بىلەن پەرق بولۇش، ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇش، ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى يۇقىرى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىك نامايان بولغان.

 بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايون بۇغداي كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى لى جيەنجياڭ مۇنداق تەھلىل قىلدى: بۇ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارغا ئالدىن ئاشلىق تېرىغانلىقى ھەم ئىلغار ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى يۈرۈشلەشتۈرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتىن سىرت، يۈرۈشلۈك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلاردا ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، ھوسۇلنى تېخىمۇ تولۇق، تەكشى ئاشۇرۇش كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.

 «شىنجاڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلاردا تېخنىكىنى كېڭەيتىش شارائىتىغا ئىگە.» لى جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: كىچىك كۆلەملىك تەجرىبە ئېتىزى رېكورتىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، چوڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى بىر رايوننىڭ تەجرىبە ئېتىزى ھوسۇل مىقدارىنى چوڭ ئېتىز ھوسۇل مىقدارىغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يىلقى رېكورت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىسىدا سىناق باسقۇچىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىشتا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش ئاساسى ھازىرلانغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قازغىلى بولىدۇ.

 نۆۋەتتە، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەپ تېرىش قاتارلىق بىر قىسىم يۇقىرى ھوسۇل بەرپا قىلىشتا قوللىنىلغان تېخنىكىلار شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا بارغانسېرى كۆپ قوللىنىلىپ، نۇرغۇن رايونلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەنئەنىۋى ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى.

 بۇ يىل كۈزگى بۇغداي تېرىش مەزگىلىدە، ساۋەن شەھىرى كۈزگى بۇغداينى قوناق بىلەن كىرىشتۈرۈپ تېرىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇغداي تېرىغاندا قوناق تېرىش ئورنىنى ئالدىن قالدۇرۇپ، بۇغداي دان تۇتقان مەزگىلدە قوناق تېرىپ، يازدا بۇغداي يىغىۋېلىش، كۈزدە قوناق يىغىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى بىر يىلدا بىر پەسىلدىن بىر يىلدا 1.5 پەسىلگە ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

 «بۇغداي ھوسۇلى ئازايمايلا قالماي، يەنە نەچچە يۈز كىلوگىرام قوناقنى ئارتۇق يىغىۋالدۇق» ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى شۇاڭچۈەن يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خې خۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: يېڭى ئەندىزە زىرائەتلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئېڭىز تېرىلغۇسىدا يەر ئاغدۇرۇش، تېرىش قاتارلىق ھالقىلارنى قىسقارتىپ، تېرىقچىلىق مەزگىلىنى بىر ئايغا يېقىن تېجەپ، كىرىشتۈرۈپ تېرىپ ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنى ئەمەلىي كېڭەيتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز تېخنىكىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىۋاتىدۇ.

 يېڭىلاش:

 «چولپان» سورتلار كۈچەشكە باشلىدى

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك «نوپۇس»ى بار بىر تۈركۈم ئاشلىق سورتلىرى شىنجاڭنىڭ «بېلىق، گۈرۈچ ماكانى» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا «ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى». 

 شىنجاڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى تاللاپ يېتىشتۈرگەن شىندۇڭ 60 نومۇرلۇق كۈزگى بۇغداي جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا كېڭەيتىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق سورتنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىدى. ئىلگىرى بالدۇر پىشىدىغان، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور بولغان بۇغداي سورتى كەمچىل بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا بۇغداينى يىغىۋالغاندىن كېيىن قوناقنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدە يىغىندى تېمپېراتۇرا يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، نۇرغۇن قوناقنى پەقەت سىلوس يەم - خەشىكى ئورنىدىلا ئىشلەتكىلى بولاتتى. شىندۇڭ 60 نومۇرلۇق كۈزگى بۇغداينىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بالدۇر پىشىش ۋە ھوسۇلى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئېلىپ كەلگەن ئەۋزەللىك جەنۇبىي شىنجاڭنى كۈزگى بۇغداي + ئېڭىز قونىقىدا «يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ھەقىقىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى.

 «بۇغداي، قوناقتا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى». ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سېيىلقان سېرىكباي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىندۇڭ 60 نومۇرلۇق كۈزگى بۇغدايغا چىلگە قوناق سورتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشتا «ئىككى بالدۇر پىشىدىغان زىرائەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرسا، ئېڭىز قونىقى تېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق يىغىندى تېمپېراتۇرا بايلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. 

 2023 - يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى «ئىككى بالدۇر پىشىدىغان زىرائەت» يۈرۈشلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ يىللىق مو بېشى ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1300 كىلوگىرامدىن ئاشتى. نۆۋەتتە، پەن تەتقىقات خادىملىرى سورت ئەۋزەللىكىنى ئاساس قىلىپ، «ئىككى بالدۇر پىشىدىغان زىرائەت» ئاساسىدا شۇنىڭغا ماس ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللانغان بولۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە يىللىق مو بېشى ھوسۇلىنى 1400 كىلوگىرامغا ئۆستۈرۈشتىن ئۈمىد بار. 

 ئۇرۇقچىلىق كەسپى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى»، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ھوسۇلى، سۈپىتى جەھەتتىكى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئەلا سورتلارنى كېڭەيتىپ تېرىش شىنجاڭنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى يولغا قويۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۆزى يېتىشتۈرگەن بۇغداي، قوناق، شال قاتارلىق ئاشلىق زىرائەت سورتلىرى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي يېتەكچىگە ئايلاندى. 2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 400 مىڭ توننىدىن ئاشتى، ئىشلەپچىقىرىلغان شالغۇت قوناق ئۇرۇقىنىڭ %95ى خېيلۇڭجياڭ، شەندۇڭ قاتارلىق جايلارغا يۆتكىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، يەنە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ئۇرۇق ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. 

 «يېڭى سورتلارنى يەنە تېزدىن كونا سورتلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇش زۆرۈر». لى جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاشلىق، بولۇپمۇ بۇغداي سورتلىرىنى يېڭىلاشنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى، لېكىن ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداي سورتلىرى ئىچىدە، كونا سورتلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىلا %70كە يېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كونا سورتلاردا ئالاھىدىلىكى چېكىنىش خەۋپى مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ سۈپىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىمۇ ئاشلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يېڭى تەلىپىگە ماسلىشالمايدۇ.

 لى جيەنجياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، پەن تەتقىقات خادىملىرى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ «چولپان سورت»لارنى تاللاپ يېتىشتۈرىدۇ. تاللاپ يېتىشتۈرۈش جەريانىدا بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، بالدۇر پىشىش، يۇقىرى ھوسۇللۇق بولۇش، ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، سۇ تېجەش، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى چۆرىدەپ، مەھسۇلاتنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىلىش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى سورتلارنى كەسىپ تەرەققىياتىدا «بىخلاندۇرۇپ»، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

 زەنجىرنى كېڭەيتىش: 

 «يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى قىممەتلىك، ئەلا سۈپەتلىك» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى

 شىنجاڭ ئاشلىقىنىڭ سۈپىتىنى ھەممە كىشى ماختايدۇ، لېكىن ھەرقانچە ياخشى مەھسۇلات بولسىمۇ، ئەگەر كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتمىسا، يەنىلا پەقەت «ئەسلىي داڭلىق ماركا» بولۇپ، خۇددى چاڭ - توزان باسقان مەرۋايىتقا ئوخشاپ قالىدۇ.

 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ «يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى قىممەتلىك، ئەلا سۈپەتلىك» بولالايدۇ! ياخشى نەرسىلەرنى ياخشى باھادا سېتىش ئۈچۈن، جەزمەن ئۇزاقتىن بۇيان «ئەسلىي داڭلىق ماركا»غا زىيادە تايىنىۋېلىشتەك تەپەككۇر شەكلىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. 

 گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگۇ بازىرى ياۋزەنزە كەنتىدە، ساياھەتچىلەرنىڭ دائىم بۇ جاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشى باشقا ئىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «ياۋزەنزە» ئۇنىدا ئەتكەن لەڭمەننى تېتىپ بېقىش، كەنت بىلەن بۇغداينىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈندۇر. 2023 - يىلى، بۇ كەنت ئىشقا ئاشۇرغان ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 560 مىليون يۈەنگە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 30 مىڭ 600 يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بۇغدايغا تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 

 «ياۋزەنزە»نىڭ ھېكايىسى كىشىلەردە خام ئاشلىق سېتىشتىن ئۇن مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقىچە، بۇغداي زىرائىتى تېرىشتىن بۇغداي مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقىچە بولغان تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشنى قوزغىدى. بۇ كەنت ئورگانىك بۇغداي تېرىشنى ئاساس قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، ئورگانىك ئۇن، قولدا تارتىلغان لەڭمەن چۆپى، يېمەكلىك يېغى، قارا ئاشلىقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى 40 نەچچە خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، پىششىقلاپ، بۇغداي خاس بايلىقىغا تايىنىپ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ «ياۋزەنزە» سۈپەتلىك ماركىسىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. 

 يېزا ئىگىلىكىدە پىششىقلاش بولمىسا ھەممىسى بىكار. ھازىر، شىنجاڭ ئاشلىق، ياغ كەسپىنى مۇھىم خاس ئەۋزەل كەسىپ قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاشلىق، ياغ كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش، ساقلاش ۋە ئىستېمالنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە كىرىمنى ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئاشۇردى. 

 يېقىندا ئېچىلغان 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشلىق سودا يىغىنىدا، ئالاتاۋ پورتى خۇينۇڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان ئاشلىق، ياغ كەسپى بويىچە «تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق +» ۋە «تېرىقچىلىق، زاپاس ساقلاش +»تىن ئىبارەت بىر يۈرۈش كەسىپ ئەندىزىسى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى.

 «تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق + ئايلانما تەرەققىياتتىن ئىبارەت پىكىر يولى ئارقىلىق ئاشلىق، ياغ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قايتا قاراپ چىقتۇق.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى زوۋ خوۋيۇڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاشلىق، ياغ كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، كەسىپ تەرەققىياتى جەريانىدا قوشۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تۈرلۈك ئەۋزەل بايلىقلارنى بىرلەشتۈرسە، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.

 پۈتۈن زەنجىرلىك كۈچەش تېخىمۇ كۆپ «داڭلىق» ياخشى مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈندۇر. نۆۋەتتە، شىنجاڭ خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش، كارخانا يېتىشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت ئۆلچەم بويىچە بىرلا ۋاقىتتا كۈچەپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق، ياغ رايون ئاممىۋى داڭلىق ماركىسى، كارخانا داڭلىق ماركىسى، مەھسۇلات داڭلىق ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، «شىنجاڭدىكى ياخشى ئاشلىق، ياغ» دېگەن ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

 دانلىق زىرائەت خەلقنىڭ ھاياتى، دۆلەتنىڭ مۇھىم گۆھىرى دېمەكتۇر. ھازىر، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، شىنجاڭ بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، بىر قولدا كەسىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تۇتۇش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان «يېڭى ئاشلىق رېتسېپى» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشماقتا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125