شىنجاڭ گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
11:16:31 2024-12-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) شىنجاڭ گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى سۆھبەت يىغىنى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 75 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ گېزىتى باشتىن- ئاخىر «پارتىيە تاراتقۇلىرى پارتىيەنىڭ بولۇش» تۈپ ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، سادىقلىق بىلەن پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پارتىيە تاراتقۇسىنىڭ تۆھپىسىنى قوشتى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتى تاراتقۇلار يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك تاراتقۇلارغا تىرەك بولىدىغان ئانار بۇلۇت يۇغۇرما تاراتقۇ تېخنىكا سۇپىسىنى قۇرۇپ، «شىنجاڭ بويىچە بىر تور بولۇش»تىن ئىبارەت تارقىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچىسى بولۇش، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى بولۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاخبارات سېپىدىكىلەر شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك يېتەكلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىگە ئىگە يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ سىستېمىلىق ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

 جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125