ئاپتونوم رايونلۇق شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ 4- قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى
11:18:06 2024-12-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ 4- قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ) 12- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ 4- قېتىملىق ئەزالار قۇرۇلتىيى ئېچىلدى، يىغىندا 3- نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن نىزامنامىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، 4- نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شەرەپلىك ئىشلار ئالدىن بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىدىغان ئالىيجاناب ئىش بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن- ئاخىر شەرەپلىك ئىشلارنى قىلىش ئاساسىي مەقسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، شەرەپلىك ئىشلارنى قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەرەپلىك ئىشلارنى قىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق، خەيرىيەت ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شەرەپلىك ئىشلارنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردە شەرەپلىك ئىشلارنى ئۈستىگە ئالىدىغان يېڭى بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، شەرەپلىك ئىشلارنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلار ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىدىكى ۋاسىتە بولۇش رولى، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىلگىرى سۈرۈش رولى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ماسلىشىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «ئۈچ چوڭ خاراكتېر»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، شەرەپلىك ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تارىخىي پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، تىرىشىپ پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىشنىڭ باشلامچىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تۈرتكە بولغۇچىسى، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ يېتەكلىگۈچىسى بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە پائال قاتنىشىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125