مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتەيلى
− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىردى.» 4- قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى باسقۇچتا دۇچ كەلگەن يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسنى كۆزلەپ، ھازىرقى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ ئېلاستىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك».
11 يىل بوران- چاپقۇن ۋە جەبىر- جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگو تەشەببۇسىدىن خەلقئارا ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، «چوڭ سىزما»دىن «نەپىس سىزما»غا ئۆزگىرىپ، «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»تىن «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»قا كېڭىيىپ، يىرىك پىلان خەرىتىسىدىن ئەمەلىي كۆرۈنۈش خەرىتىسىگە ئايلىنىپ، ئەمەلىي، مول مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2023- يىلى 10- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ كېيىنكى قەدەمدە قوللىنىدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى جاكارلىدى، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچى ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئىستېرېئولۇق تۇتاشتۇرۇلىدىغان، يېشىل يىپەك يولى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، رەقەملىك يىپەك يولى كۈچ قوشىدىغان يېڭى باسقۇچ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا بەلگە سېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەيدىغان، دۇنيانىڭ باراۋەر- ئىناقلىقىنى كۆزلەيدىغان كەڭ قورساقلىقى ۋە پۈتۈن دۇنيانى كۆڭلىگە پۈكۈش، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئومۇمىي تەلەپ، يېتەكچى پىرىنسىپ، ئەمەلىيەت يولى، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، يېڭى باسقۇچتا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى. خەلقئارا مۇھىت قانچە چىگىش، مۇرەككەپ بولغانسېرى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سالماقلىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەمكارلىق يېڭى ساھەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئوچۇق، يېشىل، پاك بولۇش، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى. بىز ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئوچۇق بولۇش خىسلىتى، يېشىل بولۇش ئاساسىي رېڭى، پاك بولۇش يارقىن نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسى ۋە ھەمكارلىق ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز كېرەك.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۇزاق دەۋرىيلىك، دۆلەت ھالقىغان، سىستېمىلىق دۇنياۋى قۇرۇلۇش، ئەسىر قۇرۇلۇشى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرلەشتۈرۈش، ھۆكۈمەت يېتەكلەش بىلەن بازارنىڭ يۈرۈشۈشىنى بىرلەشتۈرۈش، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مىقدارنى ئاشۇرۇش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، قائىدە- ئۆلچەملەرنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» ۋە ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت خەلقى بىلەن «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭ- چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلىغاندىلا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
تۈزۈم قۇرۇلۇشى نېگىزلىك خاراكتېرىگە، ئومۇملۇق خاراكتېرىگە، مۇقىملىق خاراكتېرىگە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «توققۇز مېخانىزم»نى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، خەۋپسىزلىك ئېڭى، سىستېمىلىق قاراش، خەلقئارا نەزەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «بىرتۇتاش پىلانلاش» جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئەمەلىي ئىشلەش» جەھەتتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. سىستېمىلاشتۇرۇش، مېخانىزملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىجىل تۈردە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تاشقى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا مېڭىۋاتقىنىمىز جاھاندىكى توغرا يول، قىلىۋاتقىنىمىز ئۇلۇغ ئىشلار بولۇپ، بۇ، ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە ئېھتىياجلىق. يېڭى مۇساپىدە، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغاندىلا، جەزمەن ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بىللە كېيىنكىلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەۋلادلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان ئۆچمەس تۆھپىلەرنى يارىتالايمىز، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)