−تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىلھامى (5)
12- ئاينىڭ 1- كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىغا جايلاشقان خۇارۇن يېڭى ئېنېرگىيەسىنىڭ 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا قاينام- تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى. بۇ تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ تەخمىنەن 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، كېلەر يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا تولۇق سىغىملىق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۆلچەرلەندى. سۈرەتتە: ئىشچىلار يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ئورناتماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي
بىپايان سېرىق قۇم چۆمدى تىمتاسلىققا، يېڭى تېرىلغان كەندىرلەر تۇتاشتى ئۇپۇققا.
12- ئاينىڭ 2- كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسىدىكى توبۇشيې لوپنۇر كەندىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، لوپنۇر كەندىرى مايسىلىرى شامالدا تەۋرىنىپ تۇراتتى. بۇ جاي قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگىچە تۇتاشقانىدى. يىراققا نەزەر سالساق، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھەرقايسىسىنىڭ كەڭلىكى 360 مېتىر كېلىدىغان لوپنۇر كەندىرى تېرىش رايونى خۇددى غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشاش كۆز يەتكۈسىز قۇملۇققا قاراپ سوزۇلغانىدى.
«بۇ مايسىلار بۇ يىل 3- ئايدا تېرىلغان بولۇپ، بەزىلىرى 30 نەچچە سانتىمېتىر ئۆستى» دېدى يېڭى تېرىلغان لوپنۇر كەندىرىگە نۆۋەتچىلىك بىلەن قاراۋاتقان لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كادىرى ھەسەن سۇلايمان.
توبۇشيې لوپنۇر كەندىرى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى، 1- قارارىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3000 مو كېلىدۇ. لوپنۇر ناھىيەسىدە، ياۋا ئۆسكەن ۋە سۈنئىي تېرىلغان لوپنۇر كەندىرىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 600 مىڭ موغا يېتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
لوپنۇر كەندىرىنىڭ ھەممە يېرى گۆھەر، ئۇنىڭ غول تالاسىنى توقۇمىچىلىقنىڭ، قەغەز ياساشنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ، يوپۇرمىقىنى چاي ئىشلەش، دورا ياساش، ئاكتىپ تەركىبلەرنى ئايرىپ دورا ئېچىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لوپنۇر ناھىيەسى بۇ ئارقىلىق لوپنۇر كەندىرىدىن پايدىلىنىپ چاي، ھەسەل، دورا، ساغلاملىق بۇيۇمى، كىيىم- كېچەك، تاختاي قاتارلىق بازار ئەۋزەللىكىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ، لوپنۇر كەندىرى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىنىڭ «لوپنۇر ئەندىزىسى»نى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.
دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، لوپنۇر كەندىرىنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور. لوپنۇر ناھىيەسى ئىتتىپاق بازىرى كۇڭپەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ليۇ پەنپەن مۇنداق دېدى: «بۇ بىرقانچە يىلدا، كەنتىمىزنىڭ خېلى كۆپ يېرى ئوبوروت قىلىندى. ياز پەسلى يېتىپ كەلگەندە، بەزى ئەر- خوتۇنلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ، ئالايىتەن لوپنۇر كەندىرى قويۇق بولغان جاينى تېپىپ يوپۇرماق ئۈزۈپ، ھەر كۈنى 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ».
قۇم دېڭىزىدا ئالتۇن قېزىلدى، «كۆكەرتىش بىلەن بېيىتىش» تەڭ تۇتۇلدى. لوپنۇر كەندىرى كەسپى تەكلىماكان قۇملۇقىدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ زورايدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرى. ئەمەلىيەتتە، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش جەريانىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەقىل- پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرىنچى سەپتە ئىجادىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سىناق قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىلەن بىللە، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يېڭى يوللىرىنى ئېچىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى كەسىپلەرنى بەرپا قىلدى. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش نەق مەيدانى كىشىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش چوڭ سەھنىسى بولۇپ قالدى.
«چارۋىچىلىق، يورۇقلۇق ۋولت» تۇپرىقى قۇملۇقتا «كىچىك قۇياش» بەرپا قىلدى
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە بارغانسېرى كۆپ يورۇقلۇق ۋولت كۆك دېڭىزى بارلىققا كەلدى.
11- ئايدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مولۇق «يورۇقلۇق ۋولت + يېزا ئىگىلىكى» ئۇنىۋېرسال قۇم تىزگىنلەش تۈرى بازىسىدا، ئىشچىلار يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنى جىددىي ئورناتتى. بۇ يىل 3- ئايدا، بۇ تۈردە يېڭىدىن ئىش باشلانغان بولۇپ، ئالتە ئايدىلا 10 مىڭ مو كېلىدىغان قۇملۇق تەكشىلەندى، قاتار كەتكەن يورۇقلۇق ۋولت تىرىكى تەگلىكىدىكى سېمونت قوزۇقلار رەتلىك تىزىلىپ، تەكشۈرۈشنى كۈتۈپ تۇردى.
سېمونت قوزۇقنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر ئەتراپىدا، ئورنىتىلىپ بولغان يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنىڭ ئېگىزلىكى 4.5 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يانتۇلۇق بۇلۇڭى 33 گىرادۇس. ھەربىر گۇرۇپپا يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىگە سايە تاشلاپ، قۇملۇقتىكى شامال سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپلا قالماي، يەنە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
بۇ يىل يازدا، لوپ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەشكىللەپ تەكشىلىنىپ بولغان بۇ قۇملۇقتا ئون نەچچە خىل زىرائەتنى سىناق قىلىپ تېرىدى، ئەڭ ئاخىرىدا زىرائەتلەرنىڭ بىرلىك كۆلەمدىكى سۇ ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن ئۇنىۋېرسال ئۆلچەپ ھېسابلاپ نومۇر قويدى، تېرىشكە ئەڭ ماس كېلىدىغىنى قوي- كالىلارغا يەم- خەشەك قىلىنىدىغان بېدە بولدى. 2025- يىلى باش باھاردا، بۇ 10 مىڭ مولۇق يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى ئاستىغا پۈتۈنلەي بېدە تېرىلىدۇ.
قۇياش نۇرىدا چارۋا بېقىپ، يېشىللىق بەرپا قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈرلۈك ئىجادىيەت.
شايار ناھىيەسىدە، «يورۇقلۇق ۋولت + يېزا ئىگىلىكى»نىڭ نۇسخىسى يېڭىلاندى.
شايار ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق گىرۋىكى رايونىدىكى يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچە رايونى تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى بازىسىدا، 540 مىڭ پارچە يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنى ئورنىتىش ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن سىغىمچانلىق بويىچە تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش پىلانلاندى، بۇنىڭ يىللىق ئومۇمىي توك تارقىتىش مىقدارى 432 مىليون كىلوۋات سائەت.
«چارلاپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بۇ رايوننىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقى مول، سۇ سۈپىتى سۆكسۆك قاتارلىق شورغا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىكەن. بىز يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىشتىن پايدىلىنىپ، ماشىنىلاشقان سۇ تارتىش قۇدۇقىدا توك ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. ئوخشاشلا 2000 مو يەردىكى سۆكسۆكنى سۇغىرىش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىپ سۇ ئالغاندا ئېنېرگىيە توكى ئارقىلىق سۇ ئالغانغا قارىغاندا، تۇنجى يىلى ھەربىر ماشىنىلاشقان قۇدۇقتا 133 مىڭ يۈەن تېجىگىلى، 2- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 160 مىڭ يۈەن تېجىگىلى بولىدىكەن.» شايار ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ كەييەن مۇنداق دېدى: سۆكسۆك ئورمىنىغا كەڭ كۆلەمدە ماس قەدەمدە توشقانزەدىكى ئۇلاپ، ئۇنى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز.
قۇم تىزگىنلەپ كىرىمنى ئاشۇرۇشتا، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ رولى چوڭ بولدى
كېرىيە ناھىيەسى تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كىرىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، قاتار- قاتار يۇلغۇن، سۆكسۆكلەر رەتلىك ئۆسۈپ، ئىلگىرىكى بىپايان سېرىق قۇملۇق يېشىللىق دېڭىزىغا ئايلانغانىدى.
«ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ يىل تىككەن، يۇلغۇن، تۆت قاناتلىق لويلا، سۆكسۆك قاتارلىق سورتلار بار، ئۆسۈش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى» دېدى كېرىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جيا سۈنپېڭ.
بۇ قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 17 كىلومېتىر كېلىدۇ، قۇملۇق گىرۋىكىدىكى بوش قالغان رايون، قۇم- بوراننىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغان رايونغا جايلاشقان، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانلىرىنىڭ بىرى.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى باشلانغان بىر يىلدىن بۇيان، تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تىزگىنلەش كۆلىمى 30 مىڭ موغا يېقىنلاشتى. ئازراقمۇ يېشىللىقنى كۆرگىلى بولماسلىقتىن بىر پارچىمۇ قۇملۇقنى كۆرگىلى بولماسلىققىچە بولغان غايەت زور ئۆزگىرىش قانداق يۈز بەردى؟ جاۋابى شۇكى، ئامما قۇم تىزگىنلەشكە سەپەرۋەر قىلىندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى قۇم تىزگىنلەش جەريانىدا «كېرىيە ئەندىزىسى»نى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭ يادروسى «ھۆكۈمەت يېتەكلەش، ئامما ئاساسىي گەۋدە بولۇش، ئائىلىلەرگىچە بۆلۈپ بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، سىجىل قۇم تىزگىنلەش» بولۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئاممىنىڭ پايدىسى بىلەن زىچ باغلىنىپ، ئومۇمىي خەلق كەسىپ ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى ۋە مەدەت بېرىلدى.
يەرنى كەنتلەرگىچە ئايرىش، يەرنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددە بېرىش، ھوقۇقنى ئادەمگىچە بېكىتىش شەكلى ئارقىلىق، كېرىيە دۆلەت ئىلكىدىكى پايدىلىنىلمىغان قۇملۇق يەرنى كەنت كوللېكتىپىغا ئاجرىتىپ بەردى، ئاندىن كەنت كوللېكتىپى دېھقان ئائىلىلىرىگە ھۆددە بەردى، ھەربىر ئائىلىنىڭ 30 مودىن 50 موغىچە يەرنى ھۆددە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي گەۋدە بولغان ئاممىنىڭ قۇم تىزگىنلىشى ھەم بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، تيەندۇڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى شۇ جايدىكى 2600دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۇلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 3000 يۈەندىن ئاشتى.
ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، كېرىيە ناھىيەسىدە يۇلغۇن، سۆكسۆك ئۆستۈرۈش كۆلىمى 214 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 180 مىڭ موغا توشقانزەدىكى ئۇلىنىپ، يىللىق ھوسۇلى تەخمىنەن 40 مىڭ توننا، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 400 مىليون يۈەنگە يېقىن بولۇپ، 8830 ئائىلىدىكى 23 مىڭ 159 كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.
توشقانزەدىكى كەسپى ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش بىلەن تومۇرداش بولغان قۇملۇق قىزىلگۈلى «كېرىيە ئەندىزىسى»دىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا.
2012- يىلىدىن بۇيان، ئورمان بىنا قىلىش- قۇم تىزگىنلەش ئارقىلىق، كېرىيە گۇيمى بىيوپەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى 10 مىڭ مولۇق قۇم دېڭىزىنى تېرىقچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، كۇشۇي، داماشىگې قاتارلىق قىزىلگۈل سورتلىرىدىن 2 مىليون 300 مىڭ تۈپ ئۆستۈردى.
«شىركىتىمىز قۇملۇق يەردە 10 مىڭ مو قىزىلگۈل ئېتىزى بەرپا قىلغاندىن بۇيان، جەمئىي 230 مىڭ ئادەم قېتىم پەسىل خاراكتېرلىك ۋاقىتلىق ئىشچى ئىشلىتىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى شىركەت باش مۇدىرى يەن يۇڭجۈن.
نۆۋەتتە، كېرىيە ناھىيەسىدىكى سەككىز يېزا- بازاردا 5400 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق دېھقان قىزىلگۈل ئۆستۈرىدىغان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى.
كۈچلۈك تەدبىر ئارقا- ئارقىدىن قوللىنىلىپ، قۇملۇمنى «شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىش» نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى
قۇم تىزگىنلەش ھەم كىرىمنى ئاشۇرۇشتا يەنە قانداق تەدبىرلەر بار؟
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە ماڭغاندا، كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قۇملۇقتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئىجادىيىتىنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.
− كەڭ كۆلەمدە ئىقتىسادىي ئورمان تىكىلدى. قەشقەر ۋىلايىتىدە، مەكىت ناھىيەسىدىكى مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئېكولوگىيە ئورمان رايونىدا، جىگدە، پىندىق ياڭىقى، ئالما، شىنمېي قاتارلىق ئىقتىسادىي دەل- دەرەخلەر شىنجاڭ تېرىكى، توغراق قاتارلىق ئېكولوگىيە دەل- دەرىخى بىلەن بىر- بىرىگە ھەمراھ بولۇپ ئۆسۈپ، ئەلا سۈپەتلىك باغ- ئورمان ئېكولوگىيە پايدىسىنى ئامما كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان ئەمەلىي نەپكە ئايلاندۇردى. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بۆلەك رايونىدا، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنىڭ «مول مېۋە»سى − بىڭتاڭشىن ئالما مەخسۇس پويىز، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلدى. ئاقسۇ ۋىلايىتى تاماملىغان 1 مىليون 200 مىڭ مو سۈنئىي ئورماننىڭ %60تىن كۆپرەكى ئالما، ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئىقتىسادىي ئورمان بولۇپ، ھەم قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇم تىزگىنلەندى، ھەم بېيىش دەرىخى مول مېۋە بەردى.
− يېڭى تېخنىكا تىرەك بولۇپ، قۇملۇقتا پارنىك ياسالدى. خوتەن ناھىيەسى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، خوتەن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىدىكى بىر باشلامچى كارخانىنى كىرگۈزۈپ، ئىلگىرىكى چۆل- باياۋاندا 10 مىڭ مولۇق كۆكتات بازىسى بەرپا قىلدى، قاتار- قاتار پارنىكلار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈن نۇرى پارنىكلىرىدىكى تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش، قاچىدا ئۆستۈرۈش، سۇدا ئۆستۈرۈش قاتارلىق يېڭىچە ئۆستۈرۈش ئەندىزىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇردى. بۇ كارخانىنىڭ 17 تۈرلۈك پاتېنتى، ئۈچ تۈرلۈك ئەسەر ھوقۇقى بۇ يەردە قوللىنىلىپ، يىلىغا 70 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆكتات ئىشلەپچىقىرىلدى، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 240 مىليون يۈەن بولدى. بۇ پارنىكلار خوتەن ناھىيەسىدىكى 12 يېزا- بازارنى 2000 مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى ھەم ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرىدىكى 5000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى، ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 3750 يۈەنگە يەتتى.
− قۇملۇقتا ئاشلىق تېرىلدى، ھوسۇلمۇ تۆۋەن بولمىدى. 2018- يىلى، يۈەن لۇڭپىڭ دېڭىز سۈيى شالى پەن تەتقىقات كوللېكتىپى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىدىكى يوپۇغا ناھىيەسىدە قۇملۇقتا تېرىلغۇ يەر ئاچىدىغان دېڭىز سۈيى شالى تېرىش تەجرىبە ئېتىزى بەرپا قىلدى، شۇ يىلى تەجرىبە ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 549 كىلوگىرام بولدى. كىشىلەر قۇملۇقنى «شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىپ»، قۇملۇقتا ئاشلىق تېرىدى. بۇ يىل 9- ئايدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 2- شى 37- تۇەنى، 38- تۇەنىدە، قۇملۇق قونىقىنىڭ يۈز مولۇق كەڭ كۆلەمدىكى ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 1202.4 كىلوگىرام، مىڭ مولۇق كەڭ كۆلەمدىكى ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 1002.88 كىلوگىرام بولۇپ، «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى»غا ئايلاندى. مەكىت ناھىيەسىدە، 6000 مودىن ئارتۇق قۇملۇق بۇغدىيى بۇ يىل تۇنجى قېتىم ئورۇلدى، مو بېشى ھوسۇلى 260 كىلوگىرامدىن ئاشتى. چەرچەن ناھىيەسىدە، 20 نەچچە مو قۇملۇق خاسىڭى تەجرىبە ئېتىزى 10- ئاينىڭ ئاخىرىلىرى مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى.
بۇ يىل ئالتۇن كۈز مول ھوسۇل پەسلى بولدى، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن كەلگەن يېزا ئىگىلىك مۆجىزىلىرى ئۈزۈلمىدى. باقمىچىلىق جەھەتتە قىسقۇچپاقا، چوڭ راك قاتارلىقلار ھەيران قالارلىق ئەمەس، مەرۋايىتقا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەيران قالارلىق بولدى. تېرىقچىلىق جەھەتتە تېخىمۇ مۇھىمى ئاشلىقتىن باشقا يەنە ئوسما يىلتىزى، دۇجۇڭ، مايلىق پۇرچاق، ياڭيۇ، چارتال، ئانار، قارىقات... كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئارقا- ئارقىدىن يېڭىلىدى.
تەكلىماكان، ئەمدى بۇرۇنقىدەك قاقاس قۇملۇق ئەمەس!