ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشتا 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مالىيە مەبلىغى تېجەپ قېلىندى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر كاڭ خاۋيەن) شىنجاڭ سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەبلەغ توپلاش، سېلىش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسى ئارقىلىق جەمئىيەت كاپىتالىنى كىرگۈزۈپ، چوڭ- چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولدى. 2019- يىلىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق قۇرۇلۇشتا، 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مالىيە مەبلىغى سېلىنمىسى تېجەپ قېلىندى.
يېقىندا، سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى جېجياڭ شاۋشىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى «چوڭ مىڭقات جىلغىسى ئەندىزىسى»دىن ئىبارەت مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى تىپىك تەجرىبىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
شىنجاڭ چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ 172 تۈرلۈك چوڭ- چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 8 مىليارد 997 مىليون يۈەن، 2019- يىلى 11- ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2026- يىلى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش پىلانلانغان، ھازىرغىچە، جەمئىي تاماملانغان سېلىنما 7 مىليارد 204 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىنىڭ %80.07ىنى ئىگىلىدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا DBFOT (لايىھەلەش− قۇرۇش− مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش− تىجارەت قىلىش− ئۆتكۈزۈپ بېرىش) مەبلەغ توپلاش، سېلىش، قۇرۇش، باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، جۇڭگو گېجوۋبا گۇرۇھى پاي شىركىتى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە گەۋدە تۈر ھەمكارلىقىدىكى جەمئىيەت كاپىتالى تەرەپ قىلىپ كىرگۈزۈلۈپ، قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، تىجارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن تۈرنى ھەقسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن.
بۇ خىل ئىجادىي مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى يەرلىك ھۆكۈمەت ئۈچۈن 1 مىليارد 930 مىليون يۈەن مالىيە مەبلىغى ۋە 3 مىليارد 936 مىليون يۈەن ئۆسۈملۈك قەرز تېجەپ بېرىپ، قۇرۇلۇش مەبلىغى كەمچىل بولۇش، قۇرۇش، باشقۇرۇش كۈچى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى ۋە بالدۇرراق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. «چوڭ مىڭقات جىلغىسى ئەندىزىسى» يەنە يۇرۇڭقاش قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا قوللىنىلىپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۈچۈن 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنمىسى تېجەپ بەردى.
«بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش»نىڭ تۈرتكىسىدە، 2023- يىلى قەشقەر، ئاقسۇ، تارباغاتاي قاتارلىق جايلار «يەرنى كۆپەيتىش بىلەن كېمەيتىشنى باغلاش»، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت رەنە كېپىللىكى، كېلىشىملىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قەرز پۇلى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 3 مىليارد 865 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ، سۇغىرىش رايونىنى ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇردى. جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشى ھەرقايسى جايلارنىڭ كىچىك تىپتىكى سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ كۆپ خىللاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، يېڭى سۈپەت، ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى شىنجاڭنىڭ سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «چوڭ مىڭقات جىلغىسى ئەندىزىسى»نى يەكۈنلەپ ۋە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ تورىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىدۇ.