بىر پارچە مۇنبەت گۈلزارلىق
22:55:33 2024-12-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ھەبىبۇل راخمان

مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن تۇنجى قېتىم يېقىندىن ئۇچراشقان ۋاقتىمنى سۈرۈشتۈرسە، خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا كۆز ئالدىمدا، بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن.

بۇ، 1976- يىلى باھار مەزگىلى ئىدى، مەن تېخى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سابىق دۇڭشەن گۇڭشېسى (ھازىرقى مىدۇڭ رايونى لۇساۋگۇ يېزىسى)دىكى «7- ماي» ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتىم. بىر كۈنى، مەكتەپ تەشكىللىگەن ئوقۇغۇچىلار شەھەرگە بېرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر قېلىن كونۋېرتنى خۇڭسەن پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىكى يېشىل پوچتا ساندۇقىغا غىپپىدە سېلىۋەتتىم. ئاندىن كەينىمگە بۇرۇلۇپ قىيپاش ئۇدۇلدىكى شىنجاڭ گېزىتخانىسى دەرۋازىسىغا نەزەر سالدىم، قەلبىمدە ھەم ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق ئەسەر ئەۋەتىش ھاياجېنى ۋە ئارزۇسى، ھەم بىر خىل ئالاقزەدىلىك ۋە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى بار ئىدى.

ئۇ چاغدا، مەن پەقەت ماقالىنى يامان ئەمەس يازىدىغان ئوقۇغۇچىلا ئىدىم، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىدا تاسادىپىي پۇرسەتتە بىر پارچە «شىنجاڭ گېزىتى»نى كۆرۈپ قېلىپ، «گۆھەر تۇپراق» ئەدەبىيات مەخسۇس بېتىدە ئېلان قىلىنغان شېئىر ۋە نەسرلەرگە مەپتۇن بولۇپ قالدىم. ئاندىن قىزغىنلىقىم ئۇرغۇپ، ئاتالمىش شېئىر ئىجادىيىتىنى باشلىدىم، ئارقا- ئارقىدىن يازغان شېئىرلىرىم مەكتەپنىڭ تام گېزىتىگە چىقىرىلىپ، ساۋاقداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماي، قاپ يۈرەكلىك قىلىپ شىنجاڭ گېزىتىگە ئەسەر ئەۋەتتىم، قەلبىمدىكى ئەندىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس ئىدى.

ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، مەن ئەسەر قايتۇرۇش خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم. كىچىككىنە بىر پارچە قەغەزگە قېلىپلىشىپ قالغان بىرنەچچە قۇر قوغۇشۇن ھەرپ بېسىلغانىدى، ئاۋۋال ئەدەپ بىلەن ئىلھاملاندۇرۇلغان، ئاندىن ئەسەرنى قايتۇرۇش سەۋەبى يېزىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەنىدى. ھازىر ئويلاپ باقسام، ئۆزۈمنىڭ يازغىنىنى قانداقمۇ شېئىر دېگىلى بولسۇن، توقۇپ قويغان قوشاق ئىدى خالاس، قىلچە ئەدەبىي قىممىتى بولمىغاچقا، ھەقىقىي مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغىلى بولمايتتى، شۇنداق تۇرسا، قانداقمۇ ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە گېزىتىنىڭ ئەدەبىيات مەخسۇس بېتىدە ئېلان قىلىنسۇن.

1981- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنىگە كەلگەندە، يەنى مەن شەندۇڭ چۈفۇ سىفەن شۆيۈەنى(ھازىرقى چۈفۇ سىفەن داشۆسى)نىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، مېنىڭ «ۋەتەنگە بېغىشلىما» ناملىق بىر پارچە شېئىرىم شۇ كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىندى. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر خىل غايەت زور تۈرتكە ۋە ئىلھام بولۇپ، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىمنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلدىم. بىر قېتىم شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ئەدەبىيات مەخسۇس بېتىگە مەسئۇل شياۋ ليەن مۇئەللىم ماڭا ئەسەر ئۇيۇشتۇردى. مەن يېزىپ بولغان شېئىر ئارگىنالىنى ئېلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن تۇنجى قېتىم كىرىپ، پەلەمپەيدىن بىر- بىرلەپ قەدەم ئېلىپ گېزىتخانا بىناسىغا چىقىپ، ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئېچىپ كىرىپ، مۇلايىم ۋە يېقىملىق شياۋ ليەن مۇئەللىمنى كۆردۈم، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مېنىڭ شىنجاڭ گېزىتى بىلەن بولغان 40 نەچچە يىللىق ئۈزۈلمەس رىشتەم باشلاندى.

دەسلەپكى چاغلاردىكى بىرنەچچە پارچە شېئىردىن كېيىنكى نەچچە پارچە نەسر، ئەدەبىي پارچە ۋە نەزەرىيەۋى ماقالىلەرگىچە، شىنجاڭ گېزىتى قىممەتلىك بەتلەرنى ئارقا- ئارقىدىن ئاجرىتىپ، ئەسەرلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ، مېنىڭ ئىسمى- جىسمىغا لايىق ياخشى ئۇستازىم ۋە دوستۇمغا ئايلىنىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىمدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، مەن كۆپ قېتىم شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاپتورى بولۇپ باھالاندىم، «مەن كۇڭزىنىڭ شاگىرتى» ناملىق نەسرىم يەنە شەرەپ بىلەن 2018- يىللىق شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەنزۇ تىل- يېزىقى نۇسخىسىدىكى ياخشى ئاخبارات ئەسەرلىرى (مەخسۇس بەت ئەسىرى)نى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مېنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىككى ئىش بار. بىرى، 2008- يىلىدىن باشلاپ، مەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ «گۆھەر تۇپراق» ئەدەبىيات مەخسۇس بېتىدە «سۆيۈملۈك نان» «لەڭمەن رىۋايىتى» «پولۇنىڭ تەمى» قاتارلىق مەززىلىك تائاملارغا دائىر يۈرۈشلۈك نەسر ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشتىم، شۇنىڭ بىلەن «لەڭمەن رىۋايىتى» «تەم سەزگۈسى ساياھىتى» قاتارلىق نەسرلەر توپلىمىم مۇۋەپپەقىيەتلىك نەشر قىلىنىپ، يېزىقچىلىقىم مول ھوسۇل مەزگىلىگە كىردى، ئەسەرلىرىم ئاپتونوم رايون ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى ھەم كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىپلا قالماي، يەنە شەرەپ بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىكىگە سايلاندىم. يەنە بىرى، 2010- يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، شىنجاڭ گېزىتى مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ مېنى پۇتبول ئوبزورى يېزىپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. ئىشتىن سىرتقى بىر يازغۇچىدىن بىرمەھەل رولۇمنى ئۆزگەرتىپ، كەسپىي تەنتەربىيە مۇخبىرى بولۇپ قالدىم، بۇنىڭدىن شىنجاڭ گېزىتىنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. مەنمۇ تەبىئىيلا بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ، كۈندۈزى تىرىشىپ ئىشلەپ خىزمەت قىلدىم، كەچتە كېچىلەپ توپ مۇسابىقىسى كۆرۈپ، ماتېرىيال ئىزدەپ، پۇتبول ئوبزورى يازدىم، گەرچە ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولساممۇ، ئەمما پۇتبول ئوبزورلىرىم ۋاقتىدا گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى. ھازىر ئويلىسام، يەنىلا ناھايىتى مەمنۇن بولىمەن، بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن.

مېنىڭچە، شىنجاڭ گېزىتى ۋە «گۆھەر تۇپراق» ئەدەبىيات مەخسۇس بېتى بىر پارچە مۇنبەت گۈلزارلىق، ئۇ يېزىقچىلىق ئېتىزى ھازىرلاپ، ئەدەبىيات گۈللىرىنى ئوزۇقلاندۇردى، ئۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان مۇھەررىر، مۇخبىرلار خۇددى جاپالىق ئىشلەۋاتقان باغۋەنلەرگە ئوخشاش، سەمىمىيلىك، ئاق كۆڭۈللۈك ۋە گۈزەللىك باھارىنى جۇلالاندۇردى.

(ئاپتور جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125