11- ئاينىڭ 18- كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ جەنشو يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ ئەينەكلىك پارنىكىدا، رەت- رەت يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. ئىشچىلار كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلىش، يىغىش، توشۇش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ ئەينەكلىك پارنىكتا توختىماي ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى قوللىنىلغان، يىلدا 11 قېتىم نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىغىلى، يىغىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ پارنىك بازارنى يىل بويى يېڭى، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. خۇا يەنمىڭ فوتوسى
ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكتا «باھار» مەنزىرىسى نامايان بولدى
23:22:31 2024-12-08
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义