ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى 2- ئۇزۇن تونېل ئوڭۇشلۇق تېشىلىپ بولدى
12- ئاينىڭ 6- كۈنى، 1000 كېچە- كۈندۈزگە يېقىن جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى چيەنشيا 1- نومۇرلۇق تونېلنىڭ قوش تۆشۈكى ئومۇميۈزلۈك تېشىلىپ بولۇپ، ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا كېلەر يىلى ئوڭۇشلۇق قاتناش باشلاشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.
ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى تۈرى 02 بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 16.282 كىلومېتىر بولۇپ، يول ئۇلى، كۆۋرۈك- سۈڭگۈچ، تونېل قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، چيەنشيا 1- نومۇرلۇق تونېلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2949 مېتىر كېلىدۇ، بۇ، ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى تىيانشان تېغى غالىبىيەت تونېلىدىن قالسىلا 2- ئۇزۇن تونېل ھېسابلىنىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «بايىنغولىن نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)