12- ئاينىڭ 4- كۈنى، ھەر دەرىجىلىك «ئىككى يىغىن» ئېچىلىش ھارپىسىدا، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خىزمەت پونكىتىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش پائالىيىتى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياسەن كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.
سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەھەللىگە بېرىپ، ئولتۇراق رايون قورۇسى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاھالىلەر ۋەكىللىرى، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن شەھەر تەرەققىياتى، مەھەللىنى ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلانغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەر توغرىسىدا يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.
«مەن ياڭگۇاڭياجۈ ئولتۇراق رايونى 3- قارارىدا ئولتۇرىمەن، ھازىر قىش كەلدى، ئولتۇراق رايونىمىزدا زال ئىچى پائالىيەت بازىسىنى كۆپەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن». «مېنىڭ بۇ مەھەللىدە تۇرۇۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىمىز يىلدىن- يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئولتۇراق رايونغا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى، يۈگۈرۈش يولى ياشانغانلار ۋە بالىلارغا ساغلاملىق، خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، لېكىن ھازىر ئولتۇراق رايوندىكى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى تازا يورۇتالمايۋاتىدۇ، يول چىراغلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».
«بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىز جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان توكلىغۇچ ئورنىتىش، ئۆي مۈلۈك گۇۋاھنامىسى بېجىرىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى، لېكىن ئەتراپتىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە خەلققە قولايلىق ئورۇندۇق، يامغۇردىن دالدىلىنىش لەمپىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر كەمچىل بولغاچقا، قار- يامغۇرلۇق ھاۋا رايى كۆرۈلگەندە سەل قولايسىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ».
ئاھالىلەر سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاھالىلەرنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىگە بىرمۇبىر جاۋاب قايتۇردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پۈتۈن شەھەر بويىچە، «ئۈرۈمچى . بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىش» كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئەزالار خىزمەت پونكىتى (ئىشخانىسى)دىن 132نى قۇردى، يۆجىنگەي جەنۇبىي مەھەللىسى جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خىزمەت پونكىتى شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى.
بۇ خىزمەت پونكىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، خىزمەت پونكىتىدا دائىم تۇرۇشلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باشلامچى بولۇپ ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يىغىپ، ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى، ئاممىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئېيتىش نۇقتىسى، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئاھالىلەر بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدىن سۇ ئۆتۈپ كېتىش، يېشىللىق ئاز بولۇش، ئولتۇراق رايوندا خەلققە قولايلىق ئورۇندۇق كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئاھالىلەرنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس گاۋ پېيشياڭ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئىزچىل تۈردە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىغا مەدەت بەردى، خىزمەت ئىشخانىسى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى ئۈنۈملۈك مېخانىزمدۇر، شەھەر بويىچە تۇنجى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ئەزالىرى خىزمەت پونكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بار مەسلىھەت ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ توپلانغان بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئەمەلىي يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى، خەلقنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئىنكاس قىلىپ، ئالدىن كۆرەرلىككە، قاراتمىلىققا، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە تەدبىر- تەكلىپلەرنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيدىغان، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىدىغان، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ھارارەتكە ئىگە خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، خىزمەت پونكىتىنى ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر» ئارىلىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شەھەر ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشى كېرەك. (مۇخبىر ۋاڭ لىنا)