«ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى»دىكى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى
12:28:31 2024-12-09 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

12- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى ئەدلىيە پونكىتىدىكى خىزمەتچى تەۋەلىكتىكى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرگە ئاساسىي قانۇننى تەشۋىق قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى راۋ جۈنخۇا خەۋىرى، فوتوسى)

 12- ئاينىڭ 4- كۈنى 11- قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى، 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە 7- قېتىملىق «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى».

 يېقىنقى بىر ھەپتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەدلىيە ئىدارىسى، سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىدىكىلەر رەڭدار، مول مەزمۇنلۇق «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتچىلىرى توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل ۋە ۋەيمەي كارخانىلىرى، سودا چەمبىرىكى، مەكتەپ، مەھەللە قاتارلىق مەيدان- سورۇنلارغا بېرىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

 ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى كارخانىلارغا كىرگۈزۈلدى

 ئۆز ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش ئېڭى ئۆستۈرۈلدى

 12- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايون (تۇدۇڭخابا رايونى)لۇق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولىدىكى ئەدلىيە پونكىتى ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىكتە، تەۋەلىكتىكى توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرگە ئاساسىي قانۇن بىلىملىرى لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇردى، شىنجاڭ جىنرەن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى دېڭ پېڭچېڭ دىققەتنى بۇ توپنىڭ ئەمگەك كاپالىتى ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى.

 ئادۋوكات دېڭ پېڭچېڭ تىپىك دېلو مىساللىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، مۇكاپاتلىق سوئال- جاۋاب قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ۋە ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرگە ئاساسىي قانۇننىڭ ئۆز يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

 ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى ئەدلىيە پونكىتىنىڭ مەسئۇلى لى لې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى ۋە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلايدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدىغان قانۇنچىللىق كەيپىياتىنى پائال ياراتتۇق.

 ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى سودا چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈلدى

 ئاممىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇتۇلدى

 ئۈرۈمچى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەۋلۈدە ئوسمان مۇنداق دېدى: «يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىز سودا چەمبىرىكى ۋە كوچا باشقارمىلىرىغا كىرىپ، نەق مەيداندا ئامما بىلەن بىللە قانۇن ئۆگەندۇق ھەم ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ گۇمانىنى يەشتۇق. ئاممىغا <نۆل ئارىلىقتا> قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ گۇمانىنى يېشىش ئارقىلىق سوتچى بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپلا قالماي، كۆپچىلىككە ئاساسىي قانۇننىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇردۇق».

 نەنۋەن كوچىسى كوچا باشقارمىسىدا سوتچى «ئاساسىي قانۇن»غا بىرلەشتۈرۈپ ھۆججەت يەتكۈزۈشنىڭ ئالاقىدار تەرتىپلىرى ۋە مەھەللە گەپ سوراش خاتىرىسىنىڭ ئىسپاتلاش رولىنى چۈشەندۈردى، يەنە مەھەللىدىكى ئاممىغا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش ئۇسۇلى ۋە تەرتىپىنى چۈشەندۈردى، ھەمدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققان ئالاقىدار دېلو مىساللىرىدىن پايدىلىنىپ مەھەللىدىكى ئاممىغا تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان قانۇن مەسىلىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

 ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈلدى

 «ياشلىق سەپىرىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش» تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

 «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى» مەزگىلىدە سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆسمۈرلەر ئائىلە ئىشلىرى سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى لى دەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 68- باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ، «مەكتەپتىكى زوراۋانلىققا قەتئىي يول قويماسلىق، ياشلىق سەپىرىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداش» باش تېما قىلىنغان ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى ۋە قانۇن تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

 پائالىيەتتە سوتچى لى دەن ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىكى زوراۋانلىقنى قانداق پەرقلەندۈرۈش، مەكتەپتىكى زوراۋانلىققا ئۇچرىغاندا توغرا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قانداق قوللىنىش قاتارلىقلارنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

 ئۈرۈمچى تىيانشان رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ ياشلار يولى كوچا باشقارمىسىدىكى ئەدلىيە پونكىتى خۇڭسەن يولى جەنۇبىي مەھەللىسى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنىگە بېرىپ، نەق مەيداندا دەرس ئۆتۈش، سوئال- جاۋاب بېرىش، تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن بىلىملىرى ۋە قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا جانلىق نامايان قىلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

 شىمىگۇ رايونلۇق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ خۇاگۇاڭ كوچا باشقارمىسىدىكى ئەدلىيە پونكىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 60- ئوتتۇرا مەكتەپتە «ئاساسىي قانۇننى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش قانۇنچىللىقنى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ھەمراھ قىلىش» تېمىسىدا ئاساسىي قانۇن لېكسىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۇقۇمى، تەرەققىيات مۇساپىسى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى قانۇن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قانۇنسىز قىلمىشلارنى پەرقلەندۈرۈش، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا يېتەكلىدى.

 «ئاساسىي قانۇن + ئەدەبىيات- سەنئەت» تەشۋىقاتى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈلدى

 ئاساسىي قاتلامدا قانۇنچىللىق مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى

 12- ئاينىڭ 6- كۈنى، شىخۇ ئەدلىيە پونكىتى شىمالىي ۋوگزال ئەدلىيە پونكىتى، گاۋتيې ئەدلىيە پونكىتى بىلەن بىرلىكتە پېڭخۇ يولى مەھەللىسىدە «ئاساسىي قانۇن + ئەدەبىيات- سەنئەت» تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «ئاساسىي قانۇن ئاۋازىغا قۇلاق سالايلى» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلغاندا دېكلاماتسىيە قىلغۇچىلار چوڭقۇر ھېسسىيات ۋە كۆتۈرەڭگۈ ئىنتوناتسىيە بىلەن ئاساسىي قانۇنغا بولغان ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشتىن باشقا، يەنە «ئائىلىدىكى ئۆي مۈلۈك ماجىراسى» ناملىق ئېتۇت ئوينالدى، بۇ ئېتۇتتا ئۆيى چېقىلغان ئائىلىلەردە دائىم كۆرۈلىدىغان ئۆي مۈلۈك تەقسىماتى ماجراسى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، ئارتىسلار يۇقىرى ئورۇنلاش ماھارىتى ئارقىلىق ئائىلە زىددىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ھەل بولۇشىغىچە بولغان پۈتكۈل جەريانىنى جانلىق نامايان قىلدى. مۇرەسسەچىلەر قانۇندىكى قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيىتى ۋە مال- مۈلۈكنى تەقسىملەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئائىلە ماجىرالىرىنى ئەپچىللىك بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، دەۋالاشقۇچىلارغا قانۇننىڭ ئائىلە مال- مۈلكىنى تەقسىملەشتىكى مۇھىملىقىنى تونۇتۇپلا قالماي، يەنە نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كونكرېت ئىپادىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125