​ئۈرۈمچى شەھىرى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنى قوللاش جەھەتتە ئىجابىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى
12:51:09 2024-12-09 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنى قوللاش جەھەتتە ئىجابىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 مۇخبىرنىڭ 12- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى (شەھەرلىك يەرلىك پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى لايىھەسى»، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، دىققەتنى پۇقراۋى كارخانىلارنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە پەن- تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرغان.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن، ھازىر ھەمكارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى 29غا يېتىپ، بانكا، سۇغۇرتا، پاي ھوقۇقى سودىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە نۇقتىلىق ساھەلىرىنى قاپلىغان. جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ بانكا ئاپپاراتىنى مىسالغا ئالساق، 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 53 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %53 ئاشقان.

 ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە «ھۆكۈمەت، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى، كارخانا»لارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى. پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجى بار كارخانا (تۈر) لارنى پەسىل بويىچە رەتلەپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا «ئۇچۇرنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدىكى كارخانىلار، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلار ۋە تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتالى 50 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان پۇقراۋى كارخانىلارنى رەتلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقان بانكىلارغا يوللاپ، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئىدارىسى پېيىنى بازارغا سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىغان كارخانا (پۇقراۋى كارخانا)دىن بىرى يېڭىدىن كۆپەيدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلار زاپاس بايلىق ئامبىرىغا ئالتە كارخانا يېڭىدىن كىرگۈزۈلدى (بۇنىڭ بەشى پۇقراۋى كارخانا)، كارخانىلارنىڭ كاپىتال بازىرىدا بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى (شەھەرلىك يەرلىك پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى) تاڭ ۋېنيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى «ھۆكۈمەت، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى، كارخانا»نى ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن بىللە، كاپىتال بازىرىدىن پايدىلىنىپ كارخانىلارنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. (مۇخبىر گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125