تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش چىڭ تۇتۇلدى، پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈلدى
16:15:41 2024-12-09 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى تۇنجى قېتىم 20 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

 12- ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى سانائەت كارخانىلىرى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتاكىغا ئۆتتى. يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا، بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال ۋە يېمەكلىك تۈرىدىكى پەن- تېخنىكا كارخانىلىرى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى سىجىل ئاشۇردى.

 12- ئاينىڭ 6- كۈنى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ لەيۋو پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا بەش قەۋەتلىك يوپۇقنى تەڭ پۈۋلەپ بىر تەرەپ قىلىش ھۈنەر- سەنئەت ئۈسكۈنىسى مۇقىم ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، كارخانا ئاۋسترالىيەدىن چۈشكەن بىر تۈركۈم زاكازغا جىددىي مەھسۇلات تەييارلاۋاتاتتى.

 شىنجاڭ لەيۋو پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فەن جيې مۇنداق دېدى: ھازىر ئىشلەپچىقىرىۋاتقىنىمىز ئىسسىقلىقتىن تارىيىدىغان يوپۇق بولۇپ، شىركەتنىڭ پۈتكۈل مەھسۇلات قۇرۇلمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %50تىن ئاشىدۇ، ھازىرقى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى ئومۇمىي جەھەتتىن %3تىن %4كىچە ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل بازىرى %95 ئەتراپىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يىل كارخانىمىز بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاق- قارا سولياۋ يوپۇق يېڭى مەھسۇلاتى − تېرىش ئوقۇرى مۇداپىئە يوپۇقىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، ھازىر سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئومۇميۈزلۈك بازارغا سېلىنىدۇ.

 بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئىقتىسادى مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، 1- ئايدىن 10- ئايغىچە 57 مىليارد 399 مىليون يۈەن سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى ئورۇنداپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ %20.37ىنى ئىگىلەپ، 2- ئورۇندا تۇردى، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 21 مىليارد 208 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ تۇنجى قېتىم 20 مىليارد يۈەندىن ئېشىش بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ %27.5ىنى ئىگىلەپ، 1- ئورۇندا تۇردى. پۈتۈن يىلدا سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 25 مىليارد 334 مىليون يۈەنگە، سانائەت ئېشىش سۈرئىتىنى %6.5كە يەتكۈزۈش مۆلچەرلەندى. (مۇخبىر مۇ مىن) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125