22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمىنىڭ باشلىنىش پەيتىدە يېزىلدى
12- ئاينىڭ 1- كۈنى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)
12- ئاينىڭ 7- كۈنى 22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالقىشلانغان ئۈرۈمچى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتتى.
بۇ قار- مۇز پەسلىدە ئۈرۈمچى قانچىلىك دەرىجىدە ئالقىشلاندى؟
ئالدى بىلەن بىرنەچچە گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتقا قاراپ باقايلى: 12- ئاينىڭ 2- كۈنى، تۇڭچېڭ ساياھەتچىلىكى ئېلان قىلغان 2024- يىللىق قىشلىق ساياھەت يۈزلىنىشى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11- ئايدىن بۇيان، تۇڭچېڭ ساياھەتچىلىكى سۇپىسىدىكى قار- مۇز ساياھىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىزدەش قىزغىنلىقى ئالدىنقى ئايدىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشقان.
شيېچېڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 11- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ بېلىتىنى زاكاز قىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشقان. 11- ئاينىڭ 30- كۈنى جۇڭگونىڭ ياپونىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىگە ساياھەت قىلغىلى كەلگەن ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەر چۈشۈرگەن زاكاز مىقدارى %162 ئېشىپ، ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تېز بولغان چاڭغا تېيىلىش مەنزىلگاھى ئىچىدە ئۈرۈمچى 2- ئورۇندا تۇرغان.
ئۈزلۈكسىز ئۆرلەۋاتقان سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، قىزغىنلىققا تولغان يەنە بىر قار- مۇز پەسلى ئۈرۈمچىدە باشلاندى.
كۈچلۈك ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالقىشلىق ئۈرۈمچى قانداق قىلىپ داۋاملىق ئالقىشلاندى؟
مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىش، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىش، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قار- مۇز كەسپى زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كۆپ مەنبەلىك مەھسۇلات سىستېمىسى بەرپا قىلىش... ئورۇن بېكىتمىسى ئېنىق بولغان ئۈرۈمچى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ ئالقىشلىق بولۇشتىن داۋاملىق ئالقىشلىنىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.
ئەۋزەللىكلەرنى چوڭقۇر قېزىپ،
تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىزغىنلىقىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈش
11- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن باشلاپ، 2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىنىڭ ھەربىر مەيدان ئويۇنى تاماشىبىنلارغا يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇزىكا تەسىراتى ۋە ئارامبەخش تۇيغۇ بېغىشلىدى.
جياڭسۇدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارى لو يۈ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق قار- مۇز ساياھىتىنىڭ تۈرلىرى سەرخىل بولۇپلا قالماي، مەدەنىيەت- سەنئەت جەھەتتىكى كەيپىياتىمۇ ئىنتايىن قويۇق ئىكەن. ساياھەت قىلغىلى كېلىپ چاڭغا تېيىلدىم، يەنە بىر مەيدان يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتناشتىم، بۇ قېتىمقى سەپىرىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى».
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق موتورغا ئايلاندى.
يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)دە ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شىنجاڭنى يادرو قىلىپ خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە شىمالىي قىسمىدىكى قار- مۇز ئىقتىسادى باشلامچى رايونى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جۇ شىنرۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز ساياھىتى بايلىقى مول بولۇپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل قار مەنزىرىسى، ئۆزگىچە قار- مۇز مەدەنىيىتى، مول قار- مۇز پائالىيىتى ۋە پىشىپ يېتىلگەن قار- مۇز ساياھەت لىنىيەسى بار. <پىكىر>نىڭ بېسىپ تارقىتىلىشى ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز ساياھەتچىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى».
ھازىر، ئۈرۈمچى كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئاساسىغا تايىنىپ، «پىكىر»دىكى سىياسەت شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېرىزىنى ئېچىپ مەنزىرە كۆرسىتىپ، پۈتۈن رايوننى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۆت پەسىلنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، قار- مۇز مەيدان- سارايلىرى قۇرۇلۇشى، قار- مۇز مۇسابىقىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى سىجىل زورايتىپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە قار- مۇز بايلىقى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
بولۇپمۇ بۇ يىل 9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز بايلىقى مەدەنىيەت- ساياھەت تونۇشتۇرۇش ئەمەلدارلىرى ئارقا- ئارقىدىن بېيجىڭ، تيەنجىن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، لۇڭنەن، جيايۈگۈەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئۈرۈمچىنىڭ مول، ئەلا سۈپەتلىك قار- مۇز ساياھىتى بايلىقىنى كۆپ خىل شەكىلدە تونۇشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت تارمىقى، ساياھەت كارخانىلىرى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ساياھەتچى مەنبەسى بولغان شەھەرلەردىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئارىسىدا بىۋاسىتە ئالاقە سۇپىسى قۇردى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل قىشتا ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ساياھەتچى 1 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
2024 − 2025- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى ئۈرۈمچىنىڭ يېقىنقى قار- مۇز ساياھىتىدىكى چوڭ ئىشلارنىڭ بىرى.
قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى تۈرى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، «بىر ئوق، ئىككى مەركەز، ئۈچ بۆلەك، ئون رايون» پىلانلاش ئىدىيەسى قىلىنىپ، قار- مۇز مەنزىرىسى بىلەن مەدەنىيەت ئامىللىرى يۇغۇرۇلۇپ، خىيالىي قار- مۇز چۆچەك دۇنياسى بەرپا قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرگە سەيلە قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال قار- مۇز ساياھەت مەنزىلگاھى نامايان قىلىنىدۇ.
بۇ يەردە ساياھەتچىلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قار- مۇز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، قار- مۇز دۇنياسىنىڭ ئاجايىپ ۋە سىرلىقلىقىنى ھېس قىلالايدۇ؛ چاڭغا تېيىلىش، مۇز تېيىلىش، قار موتوسىكلىتى، مۇز ئويما، قار ئويما ياساش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار قار- مۇز كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، قار- مۇز ساياھىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق ۋە ھاياجاندىن پۇخادىن چىققۇچە ھۇزۇرلىنالايدۇ؛ خاس مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، قاردا دالىدا قونۇشنى ھېس قىلالايدۇ؛ تۈرلۈك قار- مۇز مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل ئۈرۈمچىدە يەنە بىر چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى كۆپەيتىلىدۇ.
شىنجاڭ خۇڭشۇلىن كەلگۈسى مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى كادىرلار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جيا چۇنيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ خۇڭشۇلىن كەلگۈسى شەھەر خەلقئارا ئىستىراھەت كەنتىدىكى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى دەسلەپكى، ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش يولىدىن 32نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى ئوخشاش بولمىغان چاڭغا تېيىلىش تەسىراتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تەنتەربىيە بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇپ،
قار- مۇز ساياھىتىدە يېڭىلىقلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوتتۇرىغا چىقىرىش
12- ئاينىڭ 22- كۈنى، «قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش ئۈرۈمچى قىشلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» باش تېما قىلىنغان 2024- يىللىق ئۈرۈمچى يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. شۇ چاغدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ماھىرلار ئۈرۈمچى نەنسەن مەنزىرە رايونىغا يىغىلىپ، ئاجايىپ گۈزەل قار- مۇز مەنزىرىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىلقى ئۈرۈمچى يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى يۈگۈرۈش يولى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ مەركىزىي رايونىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ماھىرلار شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىدىن يولغا چىقىپ، نەنخې يولى، نەنسى يولى، نەنچۈەن يولى، نەنتەن يولى قاتارلىق ئاۋات يول بۆلەكلىرىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزىگە قايتىپ كېلىدىغان بولۇپ، «مۇسابىقە جەريانىدا قايناق ھېسسىيات ۋە مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش»تىن ئىبارەت بۇ گۈزەل يۆگىمە رەسىمدە قار- مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سېھرىي كۈچى بىلەن مەركىزىي شەھەرنىڭ مەنزىرىسى مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان.
ساھىبخان بولۇش سۈپىتى بىلەن، مول قار- مۇز بايلىقىغا ئىگە ئۈرۈمچى ناھىيەسى يەنە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنى نەنسەندە چاڭغا تېيىلىش، ساياھەت قىلىش، ياتاقتا يېتىش، مەززىلىك تائاملارنى يېيىشتە ئېتىبارلىق باھادىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارغا «قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش»نىڭ ئىللىقلىقى ۋە رومانتىكلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز سېھرىي كۈچى قانچىلىك كۈچلۈك؟ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېچىلغان 2024- يىللىق ئۈرۈمچى يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا 8821 ئادەم تىزىملاتقان. ئەسلىدىكى مۆلچەر بويىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە جەمئىي 4000 كىشىلىك يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، 2000 كىشىلىك شادلىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ تىزىملاتقۇچىلارنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسىنى كۈتىدىغانلىقى، چەك چىققۇچىلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇسابىقىنى ۋاسىتە قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك يېڭىلىق يارىتىش. 2024 − 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدە، ئۈرۈمچى 2024- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق 2- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، قار- مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك مۇسابىقە سىستېمىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىدۇ.
ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ چاڭغا تېيىلىش مارافون مۇسابىقىسى، دالىدا چاڭغا تېيىلىش، قاردا پۇتبول ئويناش، ئېگىز تاغدا چاڭغا تېيىلىش، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قار- مۇز كاتتا بايرىمى، شەھەر ئاھالىلىرى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى... يېڭىلىق يارىتىلغان ئىستېمال ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى تەنتەربىيە بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شەھەر ئىستېمال بازىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى تاۋ مۇنداق دېدى: شەھەر مۇسابىقىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، مۇسابىقە شەھەرنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، مۇسابىقىلەرنى، پائالىيەتلەرنى ئومۇملۇق خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز خاسلىقى بىلەن پۈتۈن مۇساپىلىك ماسلاشتۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا دائىملاشقان، ماركىلاشتۇرۇلغان پائالىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ چوڭقۇرلاپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىمىز، بۇ ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز كەسپى تەرەققىيات يۆنىلىشىنىڭ بىرى.
مول كەسىپ ھالىتىنى يارىتىپ،
ساياھەتچىلەرگە قەھرىتان قىشتىكى ئىللىقلىقنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش
خاسلىق − ساياھەت مەنزىلگاھىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، رىقابەت كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىدۇر.
ئۈرۈمچىدە، ئۈزلۈكسىز موللىشىۋاتقان قار- مۇز تۈرلىرى، تېخىمۇ قولايلىقلىشىۋاتقان قاتناش، تېخىمۇ كۆپ خىل تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ياتاق، ھەر خىل شەكىلدىكى «چاڭغا تېيىلىش +» كەسىپ ھالىتى ئۈرۈمچىنىڭ «قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش» ئۆزگىچە داڭلىق ماركىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى.
2024- يىللىق ئالقىشقا ئېرىشكەن قىشلىق ساياھەت مەنزىلگاھى بولۇپ يېڭىدىن تاللانغان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىنى مىسالغا ئالساق، 2024 − 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدە، بۇ يەردە ساياھەت ئىستېمال كەسىپ زەنجىرى پائال كېڭەيتىلىپ، نۇرغۇن يېمەك- ئىچمەك كوچا رايونى، مال سېتىۋېلىش مەيدانى ۋە خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەر بىر پونكىت شەكلىدىكى ئىستېمال مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى.
ئۈرۈمچى يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خې مۇنداق دېدى: «بىز يەنە كۆپ خىللاشقان ئىشىك بېلىتى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق، بۇ، يەككە كۈنلۈك بېلەت، كۆپ كۈنلۈك بېلەت، ئائىلە يۈرۈشلۈك بېلىتى، كوللېكتىپ بېلەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئارقىلىق ساياھەتچىلەر توپىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز. ئىستىراھەت رايونىمىزدا 11- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاندى، 2024 − 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدە ساياھەتچىلەر ئېقىمى ئالدىنقى قار- مۇز پەسلىدىكىگە قارىغاندا %30 ئېشىشى مۆلچەرلەندى.
ئالدىنقى قاتاردىكى قار سۈپىتى، قار مىقدارى، قار مەزگىلى، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر، سەمىمىي مۇلازىمەت ئۈرۈمچىگە چاڭغا تېيىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئەڭ ياخشى تەسىرات ئېلىپ كەلدى.
يىشۈ باش تېما ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ باش دىرېكتورى تەن كەي مۇنداق دېدى: «مەيلى قايسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ چاڭغا تېيىلىش بېلىتى بولسۇن، چاڭغا تېيىلىش بېلىتىنى كۆرسىتىپ مېھمانخانىمىزدا تاماق يېگەنلەرگە باھادا %10 ئېتىبار قىلىمىز، مېھمانخانىمىزدا 98 يۈەن قىممىتىدىكى چاينى 30 يۈەنلىك ئالاھىدە ئېتىبار باھادا سېتىۋالغىلى، 268 يۈەن قىممىتىدىكى تۆت كىشىلىك خوگونى 190 يۈەنگىلا يېگىلى بولىدۇ».
ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرى نەنخې يولى مەھەللىسىدە يىشۈ باش تېما ئائىلىۋى مېھمانخانىسىدىن جەمئىي ئۈچى بار بولۇپ، ئوخشىمىغان باش تېما ياتىقىدىن 40ى بار، يەنە چاي، ئىچىملىك پۇكىيى، كىنو كۆرۈش رايونى، قىزىل ھاراق تېتىپ بېقىش ئۆيى، كاۋاپ پىشۇرۇش رايونى، بىليارتخانا، يېمەك- ئىچمەك رايونى، KTV قاتارلىقلار بار.
تەن كەي مۇنداق دېدى: ئائىلىۋى مېھمانخانىمىز چاڭغا تېيىلىش مەيدانىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، مودا بېزەكچىلىك ۋە مول، كۆپ خىل ساياھەت تۈرلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسلەرگە قارىتا تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ قاراتمىلىققا ئىگە بىر قاتار تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.
ئەمەلىيەتتە، دۆلەت دەرىجىلىك چاڭغا تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىشۈ باش تېما ئائىلىۋى مېھمانخانىسى جايلاشقان نەنسەن چاڭغا تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قار- مۇز ساياھەت بايلىقى، قار- مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار- مۇز ساياھەت داڭلىق ماركىسىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
بۇ جاينىڭ قار- مۇز ساياھەت بايلىقى مول، رايون ئەۋزەللىكى روشەن، قاتنىشى قولاي، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، قار پەسلىنىڭ ۋاقتى ئۇزاق بولۇپ، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرنى «ئەڭ ئىللىق چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت مەنزىلگاھى» دەپ تەرىپلەيدۇ.
ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ۋۇ بىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەش، تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئەزەلدىن بار بولغان قار- مۇز بىلەن قاپلىنىشتەك تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قار- مۇز ساياھىتى بىلەن تەنتەربىيە، مەدەنىيەت، دېھقانلار ئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا ۋە باشقا كەسىپلەرنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ماس تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. قار- مۇز ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىكىنى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە جانلىنىشتەك ياخشى ساياھەت ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
2024 − 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدە، ئۈرۈمچى ناھىيەسى «يېقىن ھەم گۈزەل قار- مۇزدىن ھۇزۇرلىنىشتا نەنسەنگە تەلپۈنۈش» نى باش تېما قىلىپ، قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىش، قىشلىق مەدەنىيەت- سەنئەت بازىرىنى گۈللەندۈرۈش، قىشلىق قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەم قىشلىق خاس يېمەك- ئىچمەك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت تۆت نۇقتىدىن 42 تۈرلۈك ئېسىل پائالىيەتنى پىلانلىدى.
ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جېنيۈ مۇنداق دېدى: يېڭى قار پەسلىدە بىز تۈرلۈك قار- مۇز پائالىيەتلىرىنىڭ ھەمتۈرتكىلىكى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشچانلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنى پۇخادىن چىققۇچە چاڭغا تېيىلىش، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش، پاكىز، راھەت ياتاقتا يېتىش، قانغۇچە ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا كەسىپ ھالىتى مول بولغان قار- مۇز ساياھىتىنى تولۇق ھېس قىلدۇرىمىز. (مۇخبىرلار لى كەي، گو جۈنگې)