ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەنگە ئېلىنغان پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتى 446 مىڭ 31گە يېتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ %96.87ىنى ئىگىلىدى، پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يەنىمۇ ئاشتى.
مۇخبىرنىڭ 12- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا قۇرۇشنى تىزىملاش، ئۆزگەرتىش (ئەنگە ئېلىش)، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنى «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاددىي تەرتىپتە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش، ئادەتتىكى تەرتىپتە تىزىمدىن ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ تەرتىپى، سۈرئىتىنى تەكشۈرگىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى ئادەتتىكى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى بىر خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىش (ئېلان قىلىش مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تارماق ھالقىپ ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر كەسىپنى بىر تەكشۈرۈش» ئۈستىدە ئىزدەندى. شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت خەۋپ- خەتىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قوللىنىلىپ، شەھەر بويىچە 460 مىڭ 800 تىجارەت سۇبيېكتىغا قارىتا ئىناۋەت خەۋپ- خەتىرىنى تۈرگە ئايرىشنى ئاي بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە يۈرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت خەۋپ- خەتىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش بىلەن «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن پەرقلىق نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىناۋەت خەۋپ- خەتىرىنى تۈرگە ئايرىشنى قوللىنىش نىسبىتى %84.16نى ئىگىلىدى، لەۋزىدە تۇرغان كارخانىلارنى «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە ئارىلىشىشىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتتى.
كىرىش بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىش، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تۈزەش... ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكنى تاشلاپ، دادىل تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ. (مۇخبىر گو لىڭ)