زەنجىۋىل چېيى قاينىتىش، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتىش، يولۇچىلارنىڭ تاكسى ۋە ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا چىقىش يولىدىكى مۇزلارنى تازىلاش... يېقىنقى مەزگىلدىكى تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ۋە يول تېيىلغاق بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ «ئانار قىزاردى» پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتى تۈرلۈك مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، كېلىپ- كېتىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ سەپەر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
«ھەدە، ھاۋا سوغۇق، ئاۋۋال بىر ئىستاكان قارا شېكەر، زەنجىۋىل چېيى ئىچىپ ئىسسىنىۋېلىڭ». 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، شەنشىدىن كەلگەن يولۇچى خۇاڭ شيۇلى ۋوگزالدىن چىقىشىغىلا پىدائىي ما مېڭيىڭ زەنجىۋىل چېيىنى ئۇنىڭغا سۇندى. خۇاڭ شيۇلىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىشى بولۇپ، شىمالىي مەيداندا قىزىنى ساقلاۋاتقاندا، پىدائىيلار ئۇنى «ئانار قىزاردى» پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتىغا ئېلىپ كىرىپ ئىسسىندۇرغان.
«ئانار قىزاردى» پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتى ئىچىدە تۈرلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، بەزى يولۇچىلار بۇ يەردە يان تېلېفونىغا توك قاچىلايدۇ، بەزىلىرى بۇ يەردە چاي ئىچىدۇ، يەنە بەزىلىرى بۇ يەردە كىتاب كۆرىدۇ، گېزىت ئوقۇيدۇ.
داۋالاش پىدائىيسى شيۇڭ شۇاڭشۇاڭ پويىز ساقلاش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولغان يولۇچىلارغا قان بېسىمىنى ئۆلچەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلدى، يەنە يولۇچىلارغا قىشلىق كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزى، كىرىش ئېغىزى، تاكسىغا ئولتۇرۇش نۇقتىسى قاتارلىق رايونلاردا قىزىل جىلىتكە كىيگەن پىدائىيلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلار مۇلازىمەت قېتىم سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ياردەمگە ئېھتىياجلىق يولۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە ئېرىشتۈردى.
پىدائىي گېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «يېقىندا ئىككى قېتىم قېلىن قار ياغدى، بىز مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى بىلەن بىللە قارلارنى تازىلىدۇق، يەنە مەخسۇس ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە تاكسى توسۇش نۇقتىلىرىدىكى مۇزلارنى تازىلاپ، يولۇچىلارنىڭ تېيىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق».
«ئانار قىزاردى» پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىندا مۇلازىمەت پونكىتىمىز مەخسۇس پىدائىيلارنىڭ سانىنى كۆپەيتتى، كۆپچىلىك ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ ھەرقايسى نۇقتىلىرىغا مۇۋاپىق جايلىشىپ، يولۇچىلارغا مەسلىھەت بەردى، يول كۆرسىتىپ قويدى، يۈك- تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بەردى ھەم مۇلازىمەت پونكىتىدا مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق ياراتتى. مۇلازىمەت پونكىتى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىكى 39- قېتىملىق خەلقئارا پىدائىيلار كۈنىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەنە بىر قاتار پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك پەلەي، توكلۇق ئىسسىنىش قولقېپى قاتارلىق ئىسسىق ساقلاش بۇيۇملىرىنى يولۇچىلار ۋە ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىكى قاتناش ساقچىلىرى، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، پويىز كۈتۈش نۇقتىسىدىكى نۆۋەتچىلەر قاتارلىق سىرتتا خىزمەت قىلغۇچىلارغا سوۋغا قىلىپ، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى».
ئىگىلىنىشىچە، 39- قېتىملىق خەلقئارا پىدائىيلار كۈنىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)لىق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)لىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئىشخانىسى، شىنجاڭ شىننېڭ گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پىدائىيلارنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش پىدائىيلار مۇلازىمەت جەمئىيىتى «يىمى ياڭگۇاڭ» مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى گوپېڭ مۇنداق دېدى: «پىدائىي بولۇپ باشقىلارغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش جەريانىدا، ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئاستا- ئاستا بايقاپ، ئۈرۈمچى <يىمى ياڭگۇاڭ> مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش كوپىراتىپىنى قۇردۇم. پىدائىي بولۇپ مۇلازىمەت قىلغان 20 نەچچە يىلدا، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ شەھەرنىڭ مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردۇق».
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)لىق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى قاسىمجان مەمتىمىن مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پىدائىيلار سېپىگە قوشۇلۇپ، تېخىمۇ گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن». (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)