تارىخنى ئۆگىنىش، تارىخنى بىلىش ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش
18:16:14 2024-12-09 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 «تارىخنى ئۆگىنىش، شىنجاڭنى چۈشىنىش، ۋەتەننى سۆيۈش» زېھىن سىناش مۇسابىقىسى شەھەرلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلدى
 
12- ئاينىڭ 6- كۈنى، «تارىخنى ئۆگىنىش، شىنجاڭنى چۈشىنىش، ۋەتەننى سۆيۈش» تېمىسىدىكى بىر مەيدان ئۆزگىچە بولغان تارىخىي مەدەنىيەت بىلىملىرى مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا ئۆتكۈزۈلدى.

 بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جانلىق مائارىپ ماتېرىيالى، ھېس قىلىش شەكلىدىكى مائارىپ شەكلى ئارقىلىق شەھەردىكى 30 ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن 58 مۇنەۋۋەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.

 مۇسابىقە نەق مەيدانىدا دەسلەپكى باسقۇچتىكى تاللاشتا چوقۇم جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال بىلەن باشلاندى، مەزمۇنى جۇڭگو تارىخى، جۇغراپىيەسى، مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

 سورالغان سوئاللاردىكى «يىپەك يولىنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «بېيجىڭ- خاڭجوۋ چوڭ قانىلىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى» قاتارلىق بىلىم نۇقتىلىرى ماھىرلارنىڭ بىلىم زاپىسىنى سىناپلا قالماي، ئۇلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتكە بولغان كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى.

 تەشۋىقات- تەربىيەنى تېخىمۇ جانلىق، قىزىقارلىق قىلىش، قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش ئۈچۈن، نەق مەيدانغا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ داشۆ قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار نەق مەيداندىكى سوئال- جاۋابلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا لىن زېشۈ، زو زۇڭتاڭ، سېن شېن قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنى ۋە شىنجاڭ ھېكايىسىنى چۈشەندۈردى.

 ئارقىدىن مۇسابىقە بىلىم ئىگىلەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈش باسقۇچىغا كىردى. ساۋاقداشلار تېمىغا ئاساسەن شەھەرلىك مۇزېينىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، «جىنتاڭ يۇڭگۇ» ئابىدىسى، «سېن شېننىڭ شېئىرلىرى» قاتارلىق كۆرگەزمە تاختىلىرىنى ئىزدىدى. ئىزدەش جەريانىدا، بالىلار تارىخ بىلىملىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا بولغان قىزىقىشى ۋە قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈردى.

 ئېسىل مۇسابىقە ۋە مول بىلىملەر مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىمۇ چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچى ما شىن مۇنداق بىلدۈردى: «بالىلار ھەقىقەتەن مۇنەۋۋەر ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىلىم دائىرىسى ناھايىتى كەڭ ئىكەن. مەنمۇ بالامغا تارىخنى ياخشى ئۆگىنىپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرىمەن».

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي (شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخ خاتىرە ئورنىنى باشقۇرۇش مەركىزى)نىڭ باشلىقى تۇرسۇن قىزىربېك تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە زېھىن سىناش مۇسابىقە شەكلى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى مۇسابىقىلىشىپ ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش مەقسەت قىلىندى. ئۇ بالىلارنى مۇسابىقىدىن كېيىنمۇ تەپەككۇر خەرىتىسىنى سىزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى رەتلەپ، مۇستەقىل ئۆگىنىش ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125