«يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ» ئارقىلىق تەرەققىياتنى «قاتتىق تىرەك» بىلەن تەمىنلەش
11:59:17 2024-12-10 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئۈرۈمچى شەھىرى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى

 پۇقراۋى ئىگىلىك ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇش، پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتەك قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى سىياسەت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدى.

 مۇخبىرنىڭ 12- ئاينىڭ 6- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىدىن ئەنگە ئېلىنغىنىنىڭ سانى 446 مىڭ 31گە يېتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ %96.87ىنى ئىگىلىگەن. 3- پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى پۇقراۋى سانائەت كارخانىسى 335كە يېتىپ، بارلىق كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ %68.9ىنى ئىگىلەپ، 9 مىليارد 102 مىليون يۈەن قوشۇلما قىممەت ياراتقان، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.9 يۇقىرى؛ پۇقراۋى كارخانىلار تۈر ئامبىرىدىكى 797 تۈرگە مەبلەغ سالغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ %46.6ىنى ئىگىلىگەن، سېلىنما سوممىسى 33 مىليارد 809 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ %40.5ىنى ئىگىلىگەن.

 «چوڭ ئىش»نى بىرتۇتاش پىلانلاش ياخشى ئىشلەندى

 بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت- تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش قاتارلىق ئون جەھەتتىكى 30 تۈرلۈك ئاساسلىق تەدبىر ۋە 133 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنى تۈزۈپ، شەھىرىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دائىملاشقان ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مېخانىزمى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلىدى.

 مۇلازىمەت «كۈچلۈك موتورى» بەرپا قىلىندى

 ئۈرۈمچى شەھىرى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتى توسۇقىنى سىجىل بۇزۇپ تاشلاپ، خېرىدار چاقىرىش- خېرىدار چىقىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

 بولۇپمۇ «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «كارخانىنىڭ ئۆزگەرتىدىغان ئىشلىرىنى بىر ئىش سۈپىتىدە قىلىش»، «سۇ، توك، گاز، تور يوللىرىنى ئورنىتىشنى بىرلىشىپ بىر ئىش سۈپىتىدە مەلۇم قىلىش» قاتارلىق «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» باش تېمىسىدىكى 15 يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، كارخانا ۋە ئامما تاپشۇرغان ماتېرىيالنى ئىخچاملاشنىڭ %42.5 بولۇشىنى، ۋاقىت چەكلىمىسىنى قىسقارتىشنىڭ %68.1 بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە باشلامچىلىق بىلەن «رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئىشىك نومۇرى»نى يولغا قويۇپ، كۆپ كۆرۈلىدىغان 280دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى تۈرىدە «بىر پونكىت شەكىل»دىكى مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇردى.

 يېڭىلىق يارىتىشتا سۈرئەت تېزلىتىلدى

 ئۈرۈمچى شەھىرى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتتى. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش جەھەتتە، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمەت لايىھەسى» بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەندى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شەھىرىمىزدىكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تىپىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 87 مىليارد 838 مىليون يۈەن بولۇپ، يىل بېشىدىكىدىن %20.56 ئاشتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى «ھۆكۈمەت، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى، كارخانا»لارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، «ئىناۋەتلىك قەرز» سۇپىسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ھازىر، شەھەر بويىچە 59 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا ۋە يەككە سودا- سانائەتچى بۇ سۇپىغا ماكانلاشتى، سۇپا ئارقىلىق بېرىلگەن ئىناۋەت 9 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىكتىن ئاشتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بىرلىككە كەلگەن ئاشكارا، ئېنىق بولغان يەر ئۇچۇرلىرىنى تونۇشتۇرۇش سۇپىسى − «ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەر تاللا بازىرى»نى قۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى 516 پارچە، 68 مىڭ 900 مو يەرنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەر بويىچە جەمئىي 446 مەيدان توردا ۋە تور سىرتىدا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، 17 مىڭ 300 كارخانا (قېتىم)غا مۇلازىمەت قىلىندى، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17.69 ئارتۇق، دەسلەپكى قەدەمدە 95 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ئەمگەك كۈچى كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى.

 تەرەققىياتنى قوغداشتا «قاتتىق تىرەك» بىلەن تەمىنلەندى

 ئۈرۈمچى شەھىرى سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، مەمۇرىي جازا بېرىلمەيدىغان، يېنىكلىتىپ، كېمەيتىپ مەمۇرىي جازا بېرىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكى ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن مەجبۇرلاش تەدبىرى يولغا قويمايدىغان ئىشلار تىزىملىكىدىن ئىبارەت «تۆت تىزىملىك» بويىچە 425 تۈرنى تۈزۈپ ئېلان قىلدى.

 پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرى دېلولىرىدا «مۇرەككەپ بىلەن ئاددىينى ئايرىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەق تەلەپ سودا ئىشلىرى دېلولىرىنىڭ مۇرەككەپلىرى بىلەن ئاددىيلىرىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر پونكىت شەكلىدىكى كۆپ مەنبەلىك ماجىرانى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورناتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرى كارخانىلارغا چېتىشلىق ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرى دېلوسىدىن 45 مىڭدىن ئارتۇقنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى، بۇنىڭ 36 مىڭى ئاددىي دېلو بولۇپ، ئاددىي دېلولارغا ئايرىش نىسبىتى %79.3كە يەتتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى بىر يۈرۈش «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»لەر ئارقىلىق پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى «قاتتىق تىرەك» بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا تىرىشىپ تېخىمۇ ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، يېقىندىكىلەرنى خۇشال قىلىپ، يىراقتىكىلەرنى جەلپ قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتىدۇ. (مۇخبىر گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125