شىنجاڭنىڭ قار گۈلى ئېچىلدى | ​قار- مۇز بىلەن قاپلانغان دالىدا خوگو يېيىش ئۈرۈمچى نۇسخىسىدىكى قاينام- تاشقىنلىق نەق مەيداندا نامايان بولدى
11:30:36 2024-12-10 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

12- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكى قار- مۇز خوگو بايرىمى نەق مەيدانىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر قارلىق دالىدا خوگو يېمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)

 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكى 22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى ھەم داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چاڭغا تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى نەق مەيدانىغا بارغاندا، بىر تەرەپتىن ئاپئاق لىباس كىيگەن، قار- مۇز بىلەن قاپلانغان دالا كۆزگە چېلىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن خوگونىڭ مەززىلىك ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى.

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى يې تاۋ مۇنداق دېدى: ئاپئاق قار بىلەن قىزىل رەڭلىك خوگو سېلىشتۇرما بولۇپ، قارنىڭ گۈزەللىكى تېخىمۇ ئەكس ئەتتى، بۇ ھەقىقەتەنمۇ «مۇز بىلەن ئوت»نىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى بولدى، بۇ خىل تۇيغۇ راسلا ئۆزگىچە بولىدىكەن.

 قار- مۇز مەنزىرە بايرىمىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى قار- مۇز خوگو بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى چاڭغا تېيىلىشقا كەلگەن نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

 خېبېيلىق ساياھەتچى شيا ۋېيچىن مۇنداق دېدى: ھەرخىل گۆش، كۆكتاتلارنى قازانغا سېلىپ پىشۇردۇق، سوغۇق ھاۋادا قازاندىن چىققان مەززىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلۇپ، ئىشتىھايىمىزنى ئېچىۋەتتى. ئۈرۈمچىدە سۈپىتى ياخشى بولغان قاردا قانغۇچە تېيىلغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە قار- مۇزغا دەسسەپ ئوينىيالايدىكەنمىز، قولنى قىزىتىپ تۇرىدىغان ئىسسىق شورپىنى ئىچكەچ ھەقسىز خوگو يېيەلەيدىكەنمىز، ئۈرۈمچى كىشىگە ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالارلىق خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلىدىكەن.

 بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى سۈن يۈمياۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم قار- مۇز مەنزىرە بايرىمىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، قار- مۇز خوگو بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنى قارلىق دالىدا ھەقسىز خوگو يېيىشكە تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىكنى خۇشال- خۇرام چاڭغا تېيىلىش، كۆڭلىدىكىدەك غىزالىنىش، پۇخادىن چىققۇچە ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. (مۇخبىر لى كەي، گو جۈنگې)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125