شىنجاڭنىڭ قار گۈلى ئېچىلدى | ​22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى باشلاندى
11:31:46 2024-12-10 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

«قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش . ئۈرۈمچى» 22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چاڭغا تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)

 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، 22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى ۋە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چاڭغا تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق قار- مۇز ساياھەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

 بۇ نۆۋەتلىك قار- مۇز مەنزىرە بايرىمىدا «قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش . ئۈرۈمچى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مەزمۇنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چاڭغا تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى، قار- مۇز قىزىقارلىق ئاممىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قار- مۇز خوگو بايرىمى قاتارلىق كۆپ خىل ماس قەدەملىك يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئۈرۈمچى قىشلىق مەدەنىيەت- ساياھىتىنىڭ IPسى قار ئادەم «شۆبو» نامايان بولدى، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ساغلاملىق گىمناستىكىسى نومۇرى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى.

 نەق مەيداندا غايەت زور رەڭلىك تۈتەكنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدىكى 100 نەپەر چاڭغا تېيىلىش تىرېنېرىدىن تەشكىللەنگەن ئويۇن قويۇش چاسا ئەترىتى قار يولىدىن ئۇچقاندەك چۈشۈپ، نەق مەيدان كەيپىياتىنى بىردىنلا جانلاندۇرۇۋەتتى. رۇسىيەدىن كەلگەن چاڭغا تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى، شىنجاڭ دالىدا چاڭغا تېيىلىش كوماندىسىنىڭ ھازىرقى باش تىرېنېرى ئىۋان كىرىلوۋ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا ئۈرۈمچىگە كېلىپ قار- مۇز تېيىلىش تەكلىپىنى بەردى.

 باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا گۇاڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ جىۋېي مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۇ يەردىكى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، يەنە ئىللىق، شامالسىز، قارمۇ يۇمشاق ھەم قۇرغاق بولۇپ، ناھايىتى بەلەن ئىكەن!»

 پائالىيەتتە، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت ساياھىتىنى تونۇشتۇرغۇچى ما لىلىڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە ئۈرۈمچىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى ئەتراپلىق، كۆپ نۇقتىدىن تونۇشتۇردى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى قارلىرى يۇمشاق، قۇرغاق، توزغاقسىمان بولۇش، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ئىللىق، شامالسىز بولۇش، چاڭغا تېيىلىش پەسلى ئۇزاق بولۇشتىن ئىبارەت گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ، قار- مۇز ساياھىتى يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، قار- مۇز ساياھىتى، قار- مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار- مۇز مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار- مۇز ساياھىتى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، قار- مۇز ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قويۇپ بەردى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇدا يەتتە يىل «جۇڭگودىكى ئون ياخشى قار- مۇز ساياھەت شەھىرى» شەرىپىگە ئېرىشتى، ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمىمۇ «مەملىكەت بويىچە ئون ياخشى قار- مۇز ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى» قاتارىغا كىردى. (مۇخبىر لى كەي، گو جۈنگې) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125