شىنجاڭنىڭ قار گۈلى ئېچىلدى | بۇ يىل قىشتا ئۈرۈمچى شەھەر بويىچە 200 نەچچە تۈرلۈك قار- مۇز ساياھەت پائالىيىتى شەھەر قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ
11:04:27 2024-12-10 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

   قار- مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قار- مۇز ئويۇنى پائالىيىتى، قار- مۇز مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى... 2024 − 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدە، ئۈرۈمچى 200 نەچچە تۈرلۈك قار- مۇز مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قىش پەسلىدىكى سۈپەتلىك، كۆپ مەنبەلىك، قولايلىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

 مۇخبىرنىڭ 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، 22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى مول بولغان قار- مۇز ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، 2024 − 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدە، 200 نەچچە تۈرلۈك شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول قار- مۇز مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتى ئارقىلىق قار- مۇز مەدەنىيىتى ساياھىتىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتىدىكەن.

 ئۈرۈمچى مەدەنىيەت ساياھىتىنى تونۇشتۇرغۇچى ما لىلىڭ مۇنداق دېدى: چاڭغا تېيىلىش بىر تۈرلۈك قايناق ھېسسىياتقا تولغان تەنھەرىكەت، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانى، يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى، يەنە پات ئارىدا تىجارەت باشلايدىغان خۇڭشۇلىن خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق چاڭغا تېيىلىش مەيدانلىرىدا قالتىس چاڭغا تېيىلىش تەسىراتىغا ئىگە بولالايدۇ. چاڭغا تېيىلىپ ھېرىپ كەتسە يەنە گېجياگوۋ قار كەنتى، 1413 قار- مۇز قىشلىق لاگېرى قاتارلىق قار- مۇز سەيلە- ساياھەت شادلىق باغچىسغا بېرىپ مۇز تېيىلىش، مۇز ئۈستىدە نۇر ئويناش، مۇز ئۈستىدە ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق قىزىقارلىق تۈرلەرگە قاتنىشىپ، خۇشال- خۇرام ئوينىيالايدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل مۇھىم تۈر سۈپىتىدە بەرپا قىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت باغچىسىدا باشلىنىدۇ، بىر قاتار قىزىقارلىق قار- مۇز تۈرلىرى، مول كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قاتنىشىشىنى كۈتمەكتە.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قار پەسلىدە شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر نەنسەن مەنزىرە رايونىدا تىيانشان قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈش، قارلىق دالىدىن ھالقىپ ئۆتۈش خۇشاللىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولالايدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى خەلق باغچىسى، خۇڭسەن باغچىسى، ئۆسۈملۈك باغچىسىدا قىش پەسىللىك باش تېمىلىق مۇز چىراغ، قار ئويما كۆرگەزمىسىنى تاماشا قىلالايدۇ؛ تىيانشان شياۋلۈگۇدىكى «جىلغىدىكى قار- مۇز كاتتا يىغىلىشى»، شىرېنگوۋ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كۆڭۈل ئېچىش مۇز مەيدانى، تىيانشان چوڭ جىلغىسىدىكى قار- مۇز كاتتا مەرىكىسىدە قار- مۇز خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ؛ ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسى، مۇزىكا زالى، خەلق تىياتىرخانىسى قاتارلىق مەدەنىيەت- سارايلاردا تۈرلۈك ئېسىل ئويۇنلاردىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

 ئەلۋەتتە، مەززىلىك تائاملار سەپىرىمۇ قىش پەسلىدىكى بىر مەيدان ئاجايىپ سەپەر، كونسۇل كوچىسىدىكى مەززىلىك سامسا، خوتەن ئىككىنچى كوچىسىدىكى ئىسسىق ھور كۆتىرىلىپ تۇرىدىغان پاچاق پولۇ، چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى نان قەھۋەدىن باشقا، يەنە قار- مۇز خوگو بايرىمى، مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر سىزنى نازۇ- نېمەتلەرگە ئېغىز تېگىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.

 تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قار پەسلىدە، ئۈرۈمچى يەنە قار- مۇز باش تېمىسىدىكى ئون ئېسىل لىنىيە ۋە چوڭ سوۋغات بولىقى ئويۇنىنى يولغا قويدى: نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئىشىك بېلىتى، ساياھەت ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنىڭ باھاسىدا ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلار ئالاھىدە باھالىق ياتاق قاتارلىق ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپلىرىمۇ مۇلازىمەت باھاسى، سۈپىتى جەھەتتە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت، رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش ۋە تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەييەن مۇنداق دېدى: 2024- 2025- يىللىق قار- مۇز پەسلىدە، «قار- مۇز خۇشاللىقى»، «قار- مۇزدىن ھۇزۇرلىنىش»، «قار- مۇز ئېتىبارلىرى» قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەمتۈرتكىلىك ۋە قاتنىشىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان قار- مۇز مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قار- مۇز ساياھەتچىلىكى كەسىپ ھالىتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قار- مۇز ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ قار- مۇز ساياھەت ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قار- مۇز كەسپىنىڭ سۈپەتنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىندى. (مۇخبىر لى كەي، گو جۈنگې)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125